باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز "تۇغۇت كىرىزىسى" دۇچ كېلەمدۇ؟

2015.02.12 09:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2014- يىلى دۆلىتىمىزدە 1687 بۇۋاق تۇغۇلۇپ، 2013- يىلدىكىدىن 470 مىڭ بۇۋاق كۆپ تۇغۇلغان.

  دۆلەت سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پىلانلىق تۇغۇت بويىچە ئاساسىي قاتلامغا يېتەكچىلىك قىلىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ ۋېنجۇاڭ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: 2014- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 1 مىليون 69 مىڭ ئەر- خوتۇن (ئىككىلىسى يالغۇز پەرزەنت) يەنە پەرزەنتلىك بولۇشنى ئىلتىماس قىلدى، بۇ مۆلچەر مەزگىلىگە ئاساسەن ئۇيغۇن. مۆلچەرلىنىشچە 2015- يىلغىچە، (ئەر- خوتۇن ئىككەيلەنلا يالغۇز پەرزەنت) 2- پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە، 2014- يىلدىكىدىن تەخمىنەن بىر مىليون بۇۋاق ئارتۇق تۇغۇلىدىكەن. مەملىكەت بويىچە بۇ سىياسەتكە ماس كېلىدىغان (ئەر- خوتۇن ئىككەيلەنلا يالغۇز پەرزەنت)لار 11 مىليون جۈپ ئەر-خوتۇن بولۇپ، 80- يىللاردا تۇغۇلغانلار ٪70نى ئىگىلەيدىكەن. دۆلىتىمىزدە تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار كېمىيىۋاتقان ئەھۋالدا، نۇپۇسنىڭ ئەكسىچە كۆپىيىشى (ئەر- خوتۇن ئىككەيلەنلا يالغۇز پەرزەنت)لەرنىڭ 2- پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنىڭ ئۆنۈمى كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

  (ئەر- خوتۇن ئىككەيلەنلا يالغۇز پەرزەنت)لەرنىڭ 2- پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، مەملىكەت بويىچە تەكشۈرۈش ۋە سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا،(ئەر- خوتۇن ئىككەيلەنلا يالغۇز پەرزەنت)لەرنىڭ 2- پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىگە ماس كېلىدىغانلار تەخمىنەن 11 مىليون جۈپ ئەر-خوتۇن بولغان. مەملىكەت (ئەر- خوتۇن ئىككەيلەنلا يالغۇز پەرزەنت) ئەر- خوتۇن ھەم يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىلەردىن 2- پەرزەنتلىك بولماقچى بولۇۋاتقانلار ٪60نى ئىگىلەيدىكەن. بىر نەچچە ئاپپاراتنىڭ مۆلچەرلىشىچە، (ئەر- خوتۇن ئىككەيلەنلا يالغۇز پەرزەنت)لەرنىڭ 2- پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھەر يىلى بىر مىليوندىن ئىككى مىليونغىچە بۇۋاق تۇغۇلىدىكەن. ھازىر بۇ سىياسەت يولغا قويۇلۇپ 9 ئايدىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە (ئەر- خوتۇن ئىككەيلەنلا يالغۇز پەرزەنت)لەردىن يەنە پەرزەنتلىك بولۇشنى ئىلتىماس قىلغانلار 1 مىليون 69 مىڭغا يەتكەن، بۇ سىياسەت باشلىنىشىدىلا مۆلچەر مەزگىلىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. سۈي جېنۋۇ مۇنداق دېدى: بەزىلەر (ئەر- خوتۇن ئىككەيلەنلا يالغۇز پەرزەنت)لەرنىڭ 2- پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى تازا قارشى ئېلىنىپ كەتمەيدۇ دېدى، بۇنداق چۈشىنىش خاتا، بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، 11 مىليون جۈپ ئەر-خوتۇننى بىۋاستە يېڭىدىن تۇغۇلىدىغانلارنىڭ سانى بىلەن تەڭ قىلىشقا بولمايدۇ، بۇنىڭدا 2- پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسى ياكى نىسبىتىگە سەل قارالغان، بىر پەرزەنتلىك (ئەر- خوتۇن ئىككەيلەنلا يالغۇز پەرزەنت)لەر 2- پەرزەنتلىك بولىدۇ دەپ قارالغان. ئىككىنچى، مەلۇم يىلدىكى (ئەر- خوتۇن ئىككەيلەنلا يالغۇز پەرزەنت)لەرنىڭ 2- پەرزەنتلىك بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش كۆلىمى بىلەن 11 مىليون جۈپ ئەر-خوتۇن سېلىشتۇرۇلغان، بۇنىڭدا 2- پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسى، شۇنداقلا 2- پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ بىر نەچچە يىل ئىچىدە بولىدىغان ئىش ئىكەنلىكى ئويلىشلمىغان. ئۈچىنچى، ھەر قايسى ئۆلكىلەردە پەرزەنتلىك بولۇشى ئارزۇسى ئارىسىدا پەرق زور بولۇپ، مەملىكەت بويىچە پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسى ٪60 بولسىمۇ، بىراق چوڭ شەھەرلەر ۋە شەرقىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەردە ئادەتتە سەل تۆۋەن ، غەرب ۋە ئوتتۇرا- كىچىك شەھەرلەردە يۇقىرىراق بولغان. ھازىر بەزى ئۆلكىلەردە 2- پەرزەنتلىك بولۇشنى ئىلتىماس قىلغانلار مۆلچەر مەزگىلدىكىدىن كۆپ بولغان، بەزى ئۆلكىلەردە مۆلچەر مەزگىلىدىكىدىن تۆۋەن بولۇشىمۇ نورمال ئەھۋال.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر