باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>رەھبەرلەر پائالىيەتلىرى>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىپ، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 6-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ماڭدى

2014.07.14 08:19         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىپ، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 6-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش، بىرازىلىيە، ئارگېنتىنا، ۋېنسۇئېلا، كۇبادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەمدە جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ماڭدى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلدى، ئۇ بىرازىلىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى روسسېف، ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كرىستىنا، ۋېنسۇئېلا بولىۋار جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى مادۇرو، كۇبا جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ رەئىسى رائۇللارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، بىرازىلىيەگە يېتىپ بېرىپ، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 6-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ، يۇقىرىقى تۆت دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەمدە بىرازىلىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەزگىلىدە جۇڭگو ـــ لاتىن ئامېرىكىسى-كارب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ.

  رەئىس شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە ماڭغانلاردىن يەنە جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى جەنشۇ، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى قاتارلىقلار بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر