باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز بىر كۈندىلا ئىككى نەپەر ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى

2014.07.15 02:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە مەركىزىي تەشكىلات مىنىستىرلىقى ئىككى نەپەر ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى كەينى-كەينىدىن جاكارلىدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرە قىلىشىچە، ئەنخۇي ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن شيەنسۇڭنى ئىنتىزام ۋە قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەشكىل تەكشۈرۈۋاتىدۇ؛ مەركىزىي تەشكىلات مىنىستىرلىقى يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كۇنمىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ تيەنشىننىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقىنى، يېقىندا مەركەز ئۇنىڭ ج ك پ يۈننەن ئۆلكىلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىدىن، پارتكوم ئەزالىقىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى بىۋاسىتە ئاشكارىلىدى. بۇلار ئىچىدە، جاڭ تيەنشىن بۇ يىل ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ ئون يەتتىنچىسى بولۇپ، يۈننەن ئۆلكىسىدە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ ئىككىنچىسى ھېسابلىنىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر