باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ 6-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە كۆزىتىش ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلدى

2014.07.15 02:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مەركەزنىڭ 6-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە كۆزىتىش ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلدى. كۆزىتىش جەريانىدا كادىرلار بىلەن ئاممىمۇ بىر قىسىم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلدى، ئاساسلىق مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە: پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى جەھەتتە، «تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا سەل قاراش» ئىدىيەسى مەۋجۇت، ھوقۇقنى نازارەت قىلىشنى شەرت قىلىش يەنىلا ئاجىز، چىرىكلىشىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىش سالمىقى يېتەرلىك ئەمەس؛ قۇرۇلۇش، دېھقانچىلىق خام ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش، يەر ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق ساھەلەردە پۇل-ھوقۇق سودىسى مەسىلىسى مەۋجۇت؛ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشى، بولۇپمۇ تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش داۋامىدىكى مەسىلىلەر كۆرۈنەرلىك، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كاپىتالنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىر؛ خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ جەلب قىلىشتا، بەزى رەھبىرىي كادىرلار مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ دۆلەت مەنپەئەتىنى بۇلاۋاتىدۇ؛ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەۋەلىك دائىرىسىدە سودا قىلىپ كارخانا قۇرۇش مەسىلىلىرىگە قارىتا ئاممىنىڭ پىكرى كۈچلۈك. مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش جەھەتتە، شەكىلۋازلىق يەنىلا مەۋجۇت، ھەرخىل يىغىنلار يەنىلا كۆپ؛ قىسمەن رەھبىرىي كادىرلار قائىدىگە خىلاپ ھالدا تۇرالغۇ ئۆيلەرنى ئۆلچەمدىن ئارتۇق ئېگىلىۋالغان؛ بەزى رەھبىرىي كادىرلار بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى يۇقىرى دالا ئاپتوموبىللىرىنى سەپلەپ ئىشلەتكەن، ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش تازا قاتتىق بولمىغان؛ بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بىڭتۇەن قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىدىكى چوڭ مەسىلىلەرگە بولغان ئوي-پىكرى ۋە پىلانى يېتەرلىك ئەمەس. دېموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش ۋە كادىرلارنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە، «ئۈچ مۇھىم، بىر يۇقىرى» تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش جايىدا بولمىغان، بەزى رەھبىرىي كادىرلار خالىغانچە تەدبىر بەلگىلەپ، ئۆزىنىڭ دېگىنى دېگەن بولغان؛ كادىرلارنى تاللاپ ئىشلىتىش خىزمىتى قېلىپلاشمىغان، نورمىدىن ئاشۇرۇپ كادىر سەپلەش مەسىلىسى مەۋجۇت. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەركەزنىڭ كۆزىتىش گۇرۇپپىسى بىر قىسىم رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسىلىسى توغرىسىدا يىپ ئۇچى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر