خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلىپ، برازىلىيە فېدېراتىۋ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى رۇسسېف، ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كرىستىنا، ۋېنېسۇئېلا بولىۋار جۇمھۇرىيىتنىڭ زۇڭتۇڭى مادۇرو، كۇبا جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى رائۇل قاتارلىقلارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، كۇبادا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 6-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش، يۇقىرىقى تۆت دۆلەتنى زىيارەت قىلىش ھەمدە برازىلىيەنى زىيارەت قىلىش مەزگىلدە جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقتى.
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13-ئىيۇل گرېتسىيەنىڭ رود ئارىلىغا يېتىپ كېلىپ، كۇباغا بېرىپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 6-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ھەمدە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى تۆت دۆلەتنى زىيارەت قىلىش سەپىرىدە ۋاقىتلىق توختاپ، گرېتسىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى. دۇ شاڭزې خەۋىرى
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى