12-ئىيۇل، ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبى بىلەن غەززانىڭ چېگرىسىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ 155 مىللىمېتىرلىق M109 تۈرىدىكى زەمبىرىكى غەززا رايونىغا ئوت ئاچماقتا. ئىسرائىلىيە غەززاغا يۈرگۈزگەن «چېگرانى قوغداش ھەرىكىتى» شۇ كۈنى بەشىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى. پەلەستىن تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى داۋاملىشىۋېتىپتۇ. بۇ كۈندە پەلەستىن قوراللىقلىرى داۋاملىق ئىسرائلىيە چېگرىسىگە ئىچىگە راكىتامىيۇت قويۇپ بەردى، ئىيوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى كۆپ قىسىم يەرلەردە پەلەستىن ئاممىسىنىڭ ئىتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى پارتلىدى.