باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى «يېڭى ئېنېرگىيەلەشتۈرۈش» ۋاقىت جەدۋىلى تۇزۈلدى. 2016-يىلىغىچە، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل نىسبىتى 30 پىرسەنتتىن تۆۋەن بولمايدۇ (قىزىق نۇقتا)

2014.07.15 02:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 13-ئىيۇل، دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى، پەت-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرۇلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى بىرلىشىپ «ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە جامائەت ئاپپاراتلىرىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە جامائەت ئاپپاراتلىرى ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى «يېڭى ئېنېرگىيەلەشتۈرۈش» ۋاقىت جەدۋىلى ۋە يول خەرىتىسى ئايدىڭلاشتۇردى.

  دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى، لايىھەدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش «ۋاقىت جەدىۋىلى»، سېتىۋېلىش نىسبىتى ۋە كۆلىمىگە قارىتا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2014-يىلى، 2015-يىلى ۋە 2016-يىلى ھەرقايسى ئۆلكە (رايون، شەھەر) ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە جامائەت ئاپپاراتلىرى يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ نىسبىتى ئايرىم ھالدا %10، %20 ۋە %30 تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك، كېيىن يىلمۇيىل يۇقىرىلايدۇ.

  مەركىزىي دۆلەت ئورگانلىرى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئومۇملاشتۇرۇلىدىغان-ئىشلىتىدىغان شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە جامائەت ئاپپاراتلىرى باشلامچىلىق-ئۈلگىلىك رولىنى تېخىمۇ جارىي قىلدۇرۇشى كېرەك. 2014-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، ئۇلار يېڭى سېتىۋالغان ئاپتوموبىل ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 30 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.

  يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى سېتىۋېلىش-باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، لايىھەدە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە جامائەت ئاپپاراتلىرى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتا مالىيە ياردىمىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە پىكاپ سېتىۋېلىش باھاسى مالىيە ياردىمىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن 180 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئۆز مۇخبىرىمىز شېڭ رو ۋېي

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر