باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى: بوۋاقلار تۇغۇت ئىسپاتنامىسى بولسىلا نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇشقا بولىدۇ

2014.07.15 02:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: تاراتقۇلار تالاي قېتىم خەۋەر قىلغان نۇرغۇن جايلارنىڭ «پىلاندىن سىرت تۇغقان» ئاتا-ئانىلارغا ئۈزۈك سالدۇرۇش، «پىلاندىن ئاشۇرۇپ تۇغقانلار جەرىمانە تۆلەش» قاتارلىق بىرقاتار جازا تەلىپىنى قويغاندىن كېيىنلا پىلاندىن سىرت تۇۇغۇلغان بالىلارنى نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇش، ئوقۇشقا كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىش قاتارلىق بىرقاتار مەسىلىلەر توغرىسىدا دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇتتا ئاساسىي قاتلامغا يېتەكچىلىك قىلىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ ۋېنجۇاڭ دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق كومىتېتىنىڭ پوزىتسىيەسى ناھايىتى ئېنىق ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىلەرنى قەتئىي چەكلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىلا ئەسلىدىكى دۆلەت پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلارنىڭ ئۆز ئالدىغا پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بوۋاقلارنى نوپۇسقا ئالدۇرۇشقا چەك قويۇشقا دائىر بەلگىلىمە ۋە قائىدە-نىزام چىقارماسلىقنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە كۆپ قېتىم تەكىتلەپ، بوۋاقلارنىڭ دوختۇرخانىدىن بەرگەن تۇغۇت ئىسپاتىغا ئاساسەن نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇش سىياسىتىنى ئايدىڭلاشتۇرغان.

  بەزى جايلاردا نوپسقا ئالدۇرۇش، ئوقۇشقا كىرگۈزۈش قاتارلىق ئەقەللىي ھوقۇق-مەنپەئەتنى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە مۇخالىپ قىلىۋېلىپ، توساق پەيدا قىلىۋېلىش قىلمىشلىرى يەنىلا مەۋجۇد بولۇشتەك ئەھۋال توغرىسىدا ياڭ ۋېنجۇاڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ بىرياقلىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، قانۇنغا خىلاب قىلمنىشلارنى قەتئىي چەكلەيدۇ، بۇ ھەقتە ئاۋام ۋە تاراتقۇلارنىڭ نازارەت ۋە تەنقىد قىلىشىنى قارىشى ئالىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر