10-ئىيۇل ، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى ئاچقان تاراتقۇلار ئۇچرىشىش يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش
10-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا–ياۋروپا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەمكارلىق مۇنبىرى ( قىسقارتىپ مۇنبەر دېيىلدى) 1-سېنتەبىر ئېچىلىدىغان بولۇپ ، ‹‹ ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىق . بىرلىكتە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى قۇرايلى›› بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى قىلىنىدىكەن . بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرگە داۋاملىق ئېلىمىزنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە چەت ئەل سىياسىي ئەرباپلىرى ، خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىس ، ئالىملار قاتنىشىىدىكەن ، ھەم مۇھىم سۆز قىلىدىكەن . بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە يەنە تۇنجى قېتىم جەمئىيەتتىن ئاشكارا ھالدا 300 نەپەر قابىليەتلىك سودىگەر ، كارخانىچى ۋە ئىقتىسادشۇناسلار تەكلىپ قىلىنىدىكەن .
شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى لايىھەلەش-تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋۇ شاۋبىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئالاھىدە مېھمانلارنى تەكلىپ قىلىشتىكى مەقسەت شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان تېخىمۇ كۆپلىگەن سودىگەرلەر ، كارخانىچىلار ۋە ئىقتىسادشۇناسلارنى چوڭ تىپتىكى يىغىنلاردا تونۇشتۇرۇش ئىكەن . مۇنبەرگە قاتنىشىشنى خالايدىغان ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەرباپلار شىنجاڭ جويۆ ئېلانچىلىق چەكلىك شىركىتى تورى (http://www.xjzhuoyue.com) غا چىقىپ ، بۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىگىلىسە بولىدىكەن . تىزىملىتىش ۋاقتى 10-ئاۋغۇستقىچە بولىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ جۇڭگو بىلەن ئاسىيا–ياۋروپا دۆلەتلىرى ئالاقە قىلىدىغان مۇھىم سەھنە بولۇپ ، ھازىرغىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۈچ نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن . لى كېچياڭ ، ۋېن جياباۋ ، لى يۈەنچاۋ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلغان . 20 گە يېقىن چەت ئەل سىياسىي ئەرباپلىرى ، سابىق سىياسىي ئەرباپلار، خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى ، دۆلەت ھالقىغان شىركەت لېدىرلىرى ۋە مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى ئاتاقلىق مۇتەخەسسىس ، ئالىملار مۇنبەرگە قاتنىشىپ ، مۇنبەرنىڭ 1-، 2-باسقۇچلىرىدا مۇھىم سۆز قىلغان .