باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يولداش شىرئەلى ھەبىگە «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزاسى» دېگەن شەرەپ نامى بېرىلدى

2014.07.13 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆز مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىدىن 11 – ئىيۇل ئىگىلىشىمچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئىيۇل بۇ يىل 11 – ئىيۇن كورلا شەھىرىنىڭ كۆنچى دەرياسىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىككى خەنزۇ ياشنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا قازا قىلغان كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چارلاپ تەكشۈرۈش چوڭ ئەترىتى 1 – شۆبە ئەترىتىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى يولداش شىرئەلى ھەبىگە «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزاسى» دېگەن شەرەپ نامى بېرىشنى قارار قىلغان ھەمدە مەملىكەت بويىچە كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرىنى ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشكە چاقىرغان.

  كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى يەنە ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق كومىتېتلىرىنىڭ شىرئەلى ھەبىدىن ئۆگىنىشنى پارتىيەنىڭ 18 – قۇرۇلتىيى، 18 – قۇرۇلتاي 3 – ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئۆگىنىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشنى، كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرىنى ئېتىقادنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، جاپاغا چىدايدىغان ئالىيجاناب غايىنى تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى مەركىزىي كومىتېت ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، سوتسىيالىستىك قىممەت قارشى تىكلەپ، قەتئىي جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرشنى تېزلىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

  شىرئەلى ھەبى 1990 – يىلى يانۋاردا لوپنور ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، بۇ يىل 11 – ئىيۇن ئىككى خەنزۇ ياش كورلا شەھىرىدىكى كۆنچى دەرياسىغا چۈشۈپ كەتكەندە، خەۋەرنى ئاڭلىغان شىرئەلى ھەبى دەرھال نەقمەيدانغا يېتىپ بېرىپ، كىيىمىنى سېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان. پۈتۈن كۈچى بىلەن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىككى ياشنى قۇتقۇزغاندىن كېيىن دەريا سۈيى ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن شىرئەلى ھەبىنى ئېقىتىپ كېتىپ، بەختكە قارشى قۇربان بولغان.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر