باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزدەك ئاسرايمىز»

2014.07.13 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆز مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى: شىنجاڭدىكى 300 نەچچە مىللىي كارخانىچى 7 – ئىيۇل بىرلىكتە ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلىشىنى مۇراجىئەت قىلغاندىن كېيىن، 10 – ئىيۇل يەنە بىر تۈركۈم مىللىي كارخانىچىلار داۋاملىق تۈردە بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ساقلاش يۈكسەك مەجبۇرىيىتىنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى جان-دىلى بىلەن بىجا كەلتۈرۈدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

  شىنجاڭ «كىنارە» مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) چەكلىك شېركىتىنىڭ باش لىدېرى ئالىمجان قادىر مۇنداق دېدى:

  مەن يېڭى يېتىلىۋاتقان ياش مىللىي كارخانىچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن زوراۋان، تېررورچىلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان قىلمىشلىرىغا بولغان قاتتىق نەپرىتىمنى بىلدۈرىمەن. ھەممىمىز بىلىمىز، ئۈرۈمچىنىڭ مۇقىملىقى پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى پۈتكۈل دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا چېتىشلىق ئىش. مۇقىملىق جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. مۇقىملىق بولغاندىلا بىزگە ئوخشاش چوڭ – كىچىك كارخانىلار تەرەققىي قىلىپ، ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشالايمىز. ئەكسىنچە بولسا گۈللىنىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرمۇ يوققا چىقىدۇ. مۇقىم مۇھىت، ئىناق جەمئىيەت بولغاندىلا ھەرمىللەت خەلقى ئىناق، خاتىرجەم بولىدۇ، ئىقتىساد تېز راۋاجلىنىدۇ، مەدەنىيەت ئالغا سىلجىيدۇ.

  دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان شىنجاڭدا ھەرمىللەت خەلقى ئەزەلدىن ئىناق، ئىجىل ياشاپ كەلگەن. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» نى تەكىتلەش تېخىمۇ مۇھىم. شىنجاڭدا ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلالمايدۇ. تېررورچى، زوراۋانلار ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا گۈللەنگەن بۇ زىمىننى، قولغا كەلتۈرۈلگەن ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى، مىللەتلەرنىڭ ئىناق، ئىجىللىقىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ.

  ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى بىز شىركىتىمىزدىكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن باشلاپ، زوراۋان، تېررورچىلارغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. دۆلەتنىڭ يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىنى بەرپا قىلىش ئستراتېگىيەسىگە ئاۋاز قوشۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودىمىزنى ياخشى قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىمىز.

  شىنجاڭ «تەلبا» كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىبىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ «تەلبا» خانىم – قىزلار كىيىم – كېچەك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئابلەت مۇنداق دېدى: جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى جەمئىيەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. بىر ئۇيغۇر كارخانىچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى دەيمەنكى، بىز ھەددىدىن ئاشقان زوراۋان، تېررورچىلارنىڭ ھەقىقىي ئەپت- بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۇلارغا زەربە بېرىشىمىز، قەبىھ ئۇنسۇرلارنىڭ ئۇۋا سېلىشىغا ھېچقانداق پۇرسەت بەرمەسلىكىمىز، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى خۇددى كۆز قارىچۇقىمىزدەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش يۈكسەك مەسئۇلىيىتىمىزنى بىجانىدىللىق بىلەن ئادا قىلىشىمىز كېرەك.

  شىركىتىمىز ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر كىيىم – كېچەك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ، بىزنىڭ تەرغىپ قىلىۋاتقىنىمىز ئۇيغۇر كىيىم – كېچەكلىرىدە ئەنئەنىلىككە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەتنى يارىتىش. زوراۋان، تېررورچىلار خەلقىمىزنى جىلباب قاتارلىق غەيرىي كىيىملەرنى كىيىشكە مەجبۇرلاپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى جاھالەت يولىغا، نادانلىققا، ئەسەبىيلىككە باشلىماقچى. بىز ئۆز ئارتۇقچىلىقىمىزنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى تەرغىپ قىلىپ، دۇنيا تارىخ سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان ئۇيغۇر كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ تېخىمۇ جۇلالىنىشىغا ھەسسە قوشىمىز.

  بۇلاقبېشىدىكى «ئەۋزەل» قاسساپ دۇكىنىدىكى ئىمام يۈسۈپ مۇنداق دېدى: مەن تېلېۋىزوردىن رادىل ئابلا قاتارلىق ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ ئوچۇق خەت يېزىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاش ھەققىدە مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى كۆردۈم. بۇ بەك ياخشى بوپتۇ. ھەرقانداق ئادەمنىڭ بىر ئائىلىسى بولىدۇ، ئائىلە ئۇنىڭ خۇشاللىقى، ئۆي ئۇنىڭ ماكانى. ئائىلە ئادەملىرى ئىناق – ئىجىل ئۆتسە ئۆيگە بەرىكەت ياغىدۇ. كۈندە جېدەل – ماجرا بولسا ئۆي ئۆي بولمايدۇ. جەمئىيەتمۇ شۇ، ئىناقلىق بولمىسا، تىنچ بولمىسا ھېچ ئىشىمىز يۈرۈشمەيدۇ. مەن كۆپ ئوقۇمىغان، لېكىن مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى كىچىك بولساممۇ بېشىمدىن ئۆتكۈزگەنمەن، شۇ يىللاردىكى قالايمىقانچىلىقتىن تۈزۈكرەك كىيىممۇ كىيەلمەي ئۆتۈپ كەتكەنمەن. ھازىر دۆلەتنىڭ سىياسىتى ياخشى، قۇتبىدا بورداقچىلىق قىلىمەن، قوي قوتىنىمنى بۇلتۇر دۆلەتنىڭ تولۇقلىما ياردىمى بىلەن كېڭەيتىۋالدىم. ماللىرىمنى ئۆزۈم بورداپ، ئۆزۈم ساتىمەن، ھال ئەھۋالىم كۆپ ياخشى بولۇپ كەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن شۇنى دىمەكچىمەنكى، ئەل-يۇرتنىڭ ئامانلىقى ھەممىمىزنىڭ بەختى.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر