باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى زىيارىتى توغرىسىدا

2014.07.14 11:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-ئىيۇلدىن 23-ئىيۇلغىچە ئىككىنچى قېتىم لاتىن ئامېرىكىسىدا زىيارەتتە بولىدۇ، مۇتەخەسسسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى زىيارەت ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە كېڭەيتىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇناسىتى، جۇڭگو بىلەن زىيارەت قىلىنغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى سەۋىيەسىنى ئاشۇرىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە قېلىپىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى رۇسىيە شەرقىي ياۋروپا ئوتتۇرا ئاسيا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى جيەنمىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش ئارقىلىق بىر قاتار ئەمەلىي ھەمكارلىق ساھاسىدە ئىلگىرلەشلەر قولغا كېلىشى مۇمكىن، ئالتون كېسەك دۆلەتلىرى تەرەققىيات بانكىسى ئورۇنلاشتۇرغان بەزى تەپسىلاتلار بېكىتىلىشى مۇمكىن، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتە ھەرقايسى تەرەپلەر ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقىنى تولۇق قېزىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نۇقتىلىرىنى تېپىپ چىقىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئېنېرگىيە ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭمۇ ناھايىتى چوڭ يوشۇرۇن كۈچى بار.

  رەئىس شى جىنپىڭ بىرازىلىيەدە زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىپ دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى كۆرۈشىشىگە قاتنىشىدۇ، مۇتەخەسسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ كۆرۈشۈشتە باش مەقسەت سۆزى قىلىپ، جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھىيلەيدۇ، بۇ جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىم لاتىن ئامېرىكىسىغا قىلدىغان سەپىرىدە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بىرازىلىيە، ئارگىنتىنا، ۋېنسۇئىلا ۋە كۇبادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ، مۇتەخەسسسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يوقارقى تۆت دۆلەت لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدا مۇھىم تەسىرى بار دۆلەتلەر، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە جۇڭگو بىلەن تۆت دۆلەتنىڭ يىراق كەلگۈسى مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا نەزەر سېلىنىپ، تۆت دۆلەت بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن ئىلگىرى سۈرىلىدۇ.

  جۇڭگونىڭ ۋېنسۇئىلادىكى سابىق باش ئەلچىسى ۋاڭ جېن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە بىرقەدەر مول تەجرىبىلەرنى توپلىدى، جۈملىدىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەل ئارىسى دوستلۇقىنى كۈچەيتتى، رەئىس شى جىنپىڭ تۆت دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاساسى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى خەرىتىسىنى سىزىپ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر