باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىرازىلىيە، ئارگىنتىنانىڭ ئېلىمىزدىكى ئەلچىلىرى مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

2014.07.14 10:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدا ئىككىنچى قېتىم زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن بېيجىڭدىن يۈرۈپ كەتتى، بۇ زىيارەت ئالتون كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە كېڭەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسۋىتى دەرىجىسىنى، جۇڭگونىڭ زىيارەت قىلىنغۇچى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى سەۋىيەسىنى ئاشۇرىدۇ،يېقىدندا بىرازىلىيە، ئارگىېنتىنانىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى ئايرىم ئايرىم قوبۇل قىلدى، بۇ يىل جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، بىرازىلىيەنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كارنىلو ئەپەندى مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ھەمكارلىشىپ مەبلەغ سالغان 3 يەر شارى بايلىقى سۈنئىي ھەمرىيى مۇۋاپپەقىيەتلىك ھالدا ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇرى پەن تېخنىكا ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق تۈرى سۈپىتى ئىككى دۆلەت ئالاقىسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، مېنىڭچە بۇمۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىرازىلىيە ۋە زۇڭتۇڭ روسسېف بىلەن كۆرۈشۈشتىكى بىر ئاساسلىق مەقسىتى يەنى شانلىق ئالاقە نەتىجىلىرى ئاساسىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنە قانداق قىلىپ تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇشنى داۋاملىق مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن بولسا كېرەك.

  بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئارگىنتىنا ئىستراتېگيەلىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، ئارگېنتىنانىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مادىنو مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارگىنتىناغا قىلىدىغان زىيارىتى بىر قېتىملىق تارىخي خاراكتېرلىك زىيارەت، زۇڭتۇڭىمىز كىرىستىنا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى، بۇ قېتىم رەئىس شى جىنپىڭ ئارگىنتىنادا زىيارەتتە بولغاندا ئىككى تەرەپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، قاتناش، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە بىر يۈرۈش ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالايدۇ، بىزنىڭ ئىقتىسادىمىز ناھايىتى كۈچلۈك ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىققا ئىگە، بىزنىڭ يەنە ئورتاق سىياسىي مەنپەئەتىمىز بار، بۇ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئاساسى، شۇڭا بۇ قېتىمقى زىيارەت بىز ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر