گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ‹‹ خەلق ›› سارىيىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى گۇيياڭ خەلقئارا مۇنبىرىنىڭ 2014-يىللىق يىغىنىغا قاتناشقىلى جۇڭگوغا كەلگەن مالتا زۇڭلىسى مۇسكات بىلەن كۆرۈشتى .
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو-مالتا ئەنئەنىۋى دوستلاردىن بولۇپ ، ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە يېقىندىن ھەمكارلىشىشى ئوخشىمىغان يەر كۆلىمى ، نوپۇس ، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ، ئىجتىمائىي تۈزۈلمىدىكى دۆلەتلەر ئارا ئىناق بىللە تۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى . جۇڭگو مالتا بىلەن مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ، مالتا تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق ئوتتۇرا مەزگىللىك پىلانىنى ئوبدان ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، جۇڭگو-مالتا مۇناسىۋىتىنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ۋە يېڭى مەزمۇنلارغا ئىگە قىلىشنى خالايدۇ .
لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : مالتا يەر ئوتتۇرا دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ ، يەر ئوتتۇرا دېڭىزى بويلىرىدا مۇھىم رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە .جۇڭگو-مالتا ھەمكارلىقى ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىققا ئىگە ، يۇشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن زور . جۇڭگو تەرەپ مالتا تەرەپ بىلەن ئىقتىساد-سودا ، ئېنېرگىيە ، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ، دېڭىز-ئوكيان ، ساياھەت قاتارلىق ساھەرلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ . مەن مالتانىڭ جۇڭگونى ياۋروڭپا ئىتتىپاقىدىكى ياخشى دوستى ، ياخشى شېرىكى دەپ قاراپ ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاكتىپ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
مۇسكات مۇنۇلارنى بىلدۈردى : مالتا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۆزئارا چۈشىنىش ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلدى . مالتا تەرەپ ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق ئوتتۇرا مەزگىللىك پىلانىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ ، تۈرلۈك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى ھەمدە مالتانىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ياۋروپا-جۇڭگو ھەمكارلىقىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ .
كۆرۈشۈشتىن كېيىن ، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ‹‹ جۇڭگو-مالتا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق ئوتتۇرا مەزگىللىك پىلانى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى (2019 ـــ 2014) ›› نىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى .