باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر شەھىرى شەھەر باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى

2014.07.14 10:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 7-كۇنى، قەشقەر شەھىرى «خەلق» غەربى يولىدا شەھەر باشقۇرۇش- قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرىنىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ پىيادىلەر يولىغا كىرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توسۇقى ئورنىىتىۋاتقاننى كۆردۈم.

  پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۇزۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قەشقەر شەھىرى قولايلىق، پاكىز شەھەر قۇرۇپ چىقىش ئۇچۇن، شەھەر باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۈزلىكسىز ئۆستۈردى. مەخسۇس ئادەم بېكىتىپ ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى، باشقۇرغۇچىنىڭ كىيىم –كېچىكى، ماشىنا توختىتىش بەلگىسىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىغا قارىتا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنىڭ قالايمىقان بولۇشتەك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئوموميۇزلۈك تەرتىپكە سالدى. ئالاقە- ئۇچۇر سۇپىسىدىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىپ، شەھەر كوچىلىرىغا كىچىك ئېلانلارنى چاپلاش قىلمىشىنى چەكلەپ، ئىسپات ئېلىش، سۆزلىشىش ھەققىنى تۇتۇپ قېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق 2000 تېلېفوننى بىر تەرەپ قىلدى، 623 قېتىم جەرىمانە قويۇپ، «شەھەر تەمرەتكىسى»گە ئائىت 35580 پارچە ئېلاننى تازىلىدى. ساختا كىنىشكا بېجىرگەن، قانۇنسىز كىچىك ئېلانلارنى چاپلىغان 15 ئادەمنى تۇتتى. شەھەردىكى بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك يول بۆلەكلىرىدە قالايمىقان ماشىنا توختىتىش، موھىتى ناچار بولۇشتەك قىلمىشلارنى ئوموميۈزلۇك تۈزەپ، قانۇنسىز يول ئىگىلىۋېلىش ۋە يايما يېيىۋېلىش قىلىمشىدىن 11087 نى، قالايمىقان ماشىنا توختىتىۋېلىش قىلمىشىدىن 1509 نى، تازىلىقتا ناچار بولغان 114 ئورۇننى تەرتىپكە سالدى. قالايمىقان سېلىۋالغان 180 كۋادىرات مىتىر لاپاس، 44 بوتكا، يول ئىگىلىۋالغان 35 تونۇرنى چېقىپ تەرتىپكە سالدى. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ شەھەر قىياپىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلىشىنى يولغا قويۇپ، 5000 كىۋادرات مېتىر پىيادە يولنى رېمونت قىلدى، يول بويىدىكى 4000 كىۋادرات مېتىر بىنانى ئاقارتتى، 8137 مېتىر بىخەتەرلىك رىشاتكىسى، 795 يول توسىقىنى رېمونت قىلىپ، 1303 يول توسىقىنى يېڭىدىن بېكىتتى، رىشاتكىلاردىكى 90 غا يېقىن لوزۇنكىلارنى ئالماشتۇردى. بىر كوچىدا بىر مەنزىرە، بىر دۇكاندا بىر ۋىۋىسكا بولۇش پىرىسنپى بويىچە، ھېيتگاھ، ئوتتۇرا-غەربىي ئاسىيا خەلقئارا سودا بازىرى، كونا شەھەر رايونى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار توپلاشقان رايونلارغا ئۆزىگىچە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ۋىۋىسكىلارنى ئاستى. بىر يول بىر خاس ئالاھىدىلىك، بىر كوچىدا بىر مەنزىرىنى شەكىللەندۇرۇش ئارقىلىق كىشىلەردە ئوخشىمىغان ھىس-تۇيغۇلارنى پەيدا قىلدى.

  ھازىر قەشقەر شەھىرىنىڭ شەھەر-يېزا مۇھىتى، ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق مۇھىتى ياخشىلىنىپ، خەلقنىڭ تازىلىق ئېڭى ئۆستى. پۇقرالار: «يۇرتىمىز كۇندىن-كۇنگە گۈزەللىشىپ كېتىۋاتىدۇ، تۇرمۇشىمىز كۇندىن-كۇنگە خاتىرجەم بولىۋاتىدۇ، شۇڭا بۇ يەردە تورمۇش كەچۇرگىنىمىزدىن ئۆزىمىزنى ناھايىتى بەخىتلىك ھىس قىلۋاتىمىز» دىيىشتى.


مۇھەررىر : ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر