باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى يېڭى ئېنېرگىيەلەشتۈرۈش جەدۋىلى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

2014.07.14 10:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 13-ئىيۇل «ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئاممىۋى ئورگانلارنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بىرلىكتە ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئاممىۋى ئورگانلارنىڭ ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى يېڭى ئېنېرگىيەلەشتۈرۈشىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى ھەم پىلانىنى ئايدىڭلاشتۇردى. لايىھەدە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2014-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى كېڭەيتىپ ئىشلىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئاممىۋى ئورگانلار سېتىۋالىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل شۇ يىلى تەقسىملەنگەن ئاپتوموبىل ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %30 دىن تۆۋەن بولمايدۇ، كېيىن بۇ نىسبەتەن تەدرىجىي ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇندىن باشقا، لايىھەدە يەنە ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئاممىۋى ئورگانلارنىڭ بۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدە سېتىۋالىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللىرىنىڭ نىسبىتى بەلگىلەندى، 2014-يىلى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسىدىكى ئۇششاق دانىچىلەرنى تۈزەش ۋەزىپىسى بىر قەدەر ئېغىر بولغان جايلاردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئاممىۋى ئورگانلارنىڭ سېتىۋېلىشى %15 تىن تۆۋەن بولمايدۇ دەپ ئالاھىدە كۆرسىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر