گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9-ئىيۇل جۇڭنەنخەيدىكى بىنەپشە راۋاقتا ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئېنېرگىيە سىياسىتى مەسلىھەتچىسى پودېستا، ئېنېرگىيە مىنىستىرى مۇنىكا قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9-ئىيۇل جۇڭنەنخەيدىكى بىنەپشە رەڭلىك راۋاقتا ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئېنېرگىيە سىياسىتى مەسلىھەتچىسى پودېستا، ئېنېرگىيە مىنىستىرى مۇنىكا قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى.
جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىدىغان قوش ئۈنۈملۈك سىجىل تەرەققىيات يولى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش بويىچە، جۇڭگو-ئامېرىكا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشقا، يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى كۆپ تەرەپلىك مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. مەن جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالاقىدار ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى ھەمكارلىقىنى جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشىدىكى بىر يارقىن نۇقتىغا ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
پودېستا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇشتىكى سىياسەت ۋە تەدبىرلىرىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە، يادرو ئېنېرگىيەسى، پاكىز كۆمۈر، ئېنېرگىيە تېجەش قاتارلىق تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدۇ.