باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەي ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى باشلىدى

2014.07.14 10:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شاڭخەي 12-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئاچقان ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى ئالدىن سىناق قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى شاڭخەي ئەدلىيە ئىسلاھاتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېچىپ بەردى. بۇ قېتىمقى ئىسلاھات-سوتچى، تەپتىشلەرنىڭ ئىشتاتى، ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش باشقۇرۇش قاتارلىق بەش مەزمۇنغا چېتىلغان بولۇپ، نۇرغۇن تەرەپلەردىن بۆسۈش ھاسىل قىلىنىدۇ. ئىسلاھات لايىھەسىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئەدلىيە خادىملىرىنى تۈرگە بۆلۈپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ سوتچى، تەپتىشلەرنى يەككە كەسىپ تەرتىپى بويىچە باشقۇرۇش، سوتچى، تەپتىشلەرنىڭ ئىشتاتىنى بېكىتىش، ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە، ئەدلىيە ئورگانلىرىدىكى تۈرلۈك خادىملارنى تۈرگە بۆلۈپ باشقۇرۇپ، قوشۇننى مەخسۇسلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ مەسئۇل سوتچى، مەسئۇل تەپتىشلەرنىڭ دېلو بېجىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مەسئۇل سوتچى، مەسئۇل تەپتىشلەرنىڭ دېلو بېجىرىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم. ئەدلىيە ئورگانلىرىنى دېلو بېجىرىشكە تەشكىللەپ، دېلو بېجىرىشكە تەشكىللەشنى مەخسۇسلاشتۇرۇش، تەكشىلەشتۈرۈش، دېلو بېجىرگۈچىلەرنىڭ ھوقۇق تىزىملىك تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئەدلىيە ھوقۇقىغا چەكلىمە قويۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئېنىق، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىرلىككە كەلگەن، باشقۇرۇشى تەرتىپلەشكەن ئەدلىيە ھوقۇقىنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمى ۋە نازارەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  لايىھەدە يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۆلكىدىن تۆۋەن سوت مەھكىمىلىرى، تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ سوتچى، تەپتىشلىرىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ ئۆلكىدىن تۆۋەن سوت مەھكىمىلىرى، تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ راسخوتىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ سوتچى، تەپتىش ۋە ئەدلىيە ياردەمچىلىرىنىڭ كەسپىي كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر