گرېتسىيە رودېس گېزىتى ـــ ‹‹دېموكراتىيە گېزىتى ›› نىڭ 13-ئىيۇلدىكى باش بېتىدە ‹‹ بىر ئۇلۇغ ، دوستانە دۆلەت رەھبىرىنىڭ تارىخىي زىيارىتى ›› ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى ھەمدە خەۋەر بېشىغا ‹‹ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رودېسقا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز ›› دېگەن خەنزۇچە خەتلەر بېسىلدى . ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى : قىزغىن ، مېھماندوست رودېس خەلقى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تېنىنىڭ ساغلام بولۇشىنى ، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدە ھالقىما تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈپ ، گۈللەپ-ياشنىشىنى تىلەيدۇ .