باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزدى

2014.07.14 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، قەشقەر شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكى يېزا-كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق 2- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق، ۋىلايەت-شەھەرلىك پارتكوم كېڭەيتىلگەن يىغىنى روھىنى تەشۋىق قىلدى.

  سەنئەتچىلەر تەييارلىغان «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى»، «قايتا نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ»، «قۇرۇق گەپ قىلىشقا ئامراق ئادەم» قاتارلىق ئېتوت، «باھاردىكى قىز – يىگىت» ناملىق ئۇسسۇل، «ياشلىق ناخشىسى» ناملىق كوللېكتىپ ئۇسسۇل، «لېۋەن يالا»، «ئاچىل» ناملىق يالغۇز كىشىلىك ناخشىلار ۋە خەلق سەنئەتكارلىرى ئورۇنلىغان «12 مۇقامدىن ئارىيە» قاتارلىق نومۇرلار ئاساسى قاتلامدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. پائالىيەت داۋامىدا يەنە قانۇن - نىزاملار ۋە ئەنئەنىۋىي گۈزەل ئەخلاققا دائىر مەزمۇنلاردىن تەشۋىق – تەربىيە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە «يېزىلارغا ئەھمىيەت بېرىش، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىغا شادلىق بېغىشلاش» ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ، كۆپ خىل مەدەنىيەت شەكلى ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى، مۇقىم تەرەققىي قىلۋاتقان ياخشى ۋەزىيەت، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشى ۋە خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر نامايەن قىلىندى، ئىلغار ئىدىيە، زامانىۋىي مەدەنىيەت ۋە پەن–تېخنىكا بىلىملىرى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا يەتكۈزۈلۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياخشى، سوتسىيالىزىم ياخشى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ياخشى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ياخشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى دەيدىغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ «مۇقىملىقنى كۆزلەپ، تەرەقىقياتقا ئىنتىلىدىغان» يۈرەك ساداسى ئەكىس ئەتتۈرۈلدى.

  مۇھەررىر : ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر