باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>رەھبەرلەر پائالىيەتلىرى>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ رودېستا گرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاپوۋلىياس بىلەن كۆرۈشتى(1)

2014.07.14 13:05   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شى جىنپىڭ رودېستا گرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاپوۋلىياس بىلەن كۆرۈشتى(1)

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13-ئىيۇل گرېتسىيە رودېستا گرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاپوۋلىياس بىلەن كۆرۈشتى ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يېقىن ، دوستانە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى

  شىنخۇا تورى ، گرېتسىيە رودېس ، 13-ئىيۇل تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13-ئىيۇل گرېتسىيە رودېستا گرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاپوۋلىياس بىلەن كۆرۈشتى ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يېقىن ، دوستانە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى .

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : سىز ئۆزىڭىز شەخسەن رودېسقا كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشتىڭىز ، بۇ گرېتسىيە خەلقى ۋە سىزنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقۇڭلارنى نامايان قىلىپ بەردى . سىز پەزىلەتلىك ، يىراقنى كۆرەر سىياسىئون ، جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى بولۇپ ، جۇڭگو-گرېتسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتىڭىز ، مەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىمەن .

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى : جۇڭگو بىلەن گرېتسىيە ئىككىلىسى چوڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت بولۇپ ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ياراتقان ، ئىككى دۆلەت خەلقى بىر-بىرىگە قايىل بولۇپ ، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ كەلدى ، جۇڭگو-گرېتسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي مۇستەھكەملەندى ، تەرەققىياتى ياخشى بولدى . بۇ يىل 2-ئايدا بىز سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا قاتناشقان مەزگىلدە ئۇچرىشىپ ، كەڭ ۋە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولغانىدۇق . جۇڭگو تەرەپ گرېتسىيە بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ، گرېتسىيە تەرەپ بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئەينەك بولۇشنى كۈچەيتىپ ، ئىككى قەدىمىي مەدەنىيەتكە ھاياتى كۈچ ئاتا قىلىشنى ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىدىن ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىشنى خالايدۇ . جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەمەلىي كۈچى زور تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گرېتسىيەگە مەبلەغ سېلىپ گۈللىنىشىگە ئىلھام بېرىدۇ .

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ نازارىتىنىڭ رەھبەرلىرى كۇچا ناھىيەسىنىڭ « قوش تىل» ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى(1)
      ·330 ئالىي مەكتەپ 3537 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·چەرچەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى تەتىللىك ھەقسىز كۇرس ئاچتى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ، ئارتۇقچىلىقى …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا قالايمىقان نومۇر قوشۇشقا چېتىشلىق خادىملارغا «قىلچە …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ باشلىقلىرىنى چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىپ، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش، چەت ئەلگە…
      ·يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تاراتقۇ ھەمكارلىقى مۇنبىرى باشلاندى
      ·ساختا سالاھىيەت ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغانلارن…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، ب…
      ·2014–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى