باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى:كېسەك دۆلەتلەر تەرەققىيات بانكىسى قۇرۇلۇشىدىن ئۈمىد بار

2014.07.14 11:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى لى باۋدوڭ 10-ئىيۇل جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر تەرەققىيات بانكىسى تەسىس قىلىش ئۈستىدە زىچ كېڭەشمەكتە. يېقىندا برازىلىيىدە ئېچىلىدىغان ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 6- قېتىملىق ئۇچرىشىشى مۇھىم پۇرسەت. بىز ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر تەرەققىيات بانكىسى قۇرۇشنى جاكارلاشنىڭ پۇرسىتى كەلدى دەپ قارايمىز.

  لى باۋدوڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر تەرەققىيات بانكىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر كەڭ ئورتاق تونۇشقا ئىگە. ھازىر ھەر قايسى تەرەپلەر كونكرېت تېخنىكىلىق مەسىلىدە يەنە ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلاردا بولىۋاتىدۇ. بىراق پۇل مۇئامىلە يوللىرى ئارقىلىق ھەر قايسى تەرەپلەر زىچ كېڭىشىۋاتىدۇ.

  ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر تەرەققىيات بانكىسىنى قۇرۇش 2013-يىلى 5- قېتىملىق ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىدا قارار قىلىنغان ئىدى. بانكا ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆز ئارا نەقچوت بىلەن قەرز كەسپىنى ئاددىيلاشتۇرىدۇ. ئامېرىكا دوللىرى ۋە ياۋرۇغا تايىنىۋېلىشنى يېنىكلىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر