باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئالدىنقى يېرىم يىلدا11مىليارد 180مىليون يۈەنلىك سانائەت قىممىتى ياراتتى

2014.07.14 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرىمانگۈل داۋۇت خەۋىرى: كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى 1-ئايدىن 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، كۇچا ئىقتىساد-تەرەققىيات رايونىغا 89 كارخانا ماكانلىشپ، 11 مىليارد 180 مىليون يۈەنلىك سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى يارىتىپ، سانائەت ئاشۇرۇلما قىممىتىنى 1مىليارد 983 مىليون يۈەنگە يەتكۈزگەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بايلىق ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بايلىقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرلۇشى ۋە تۇرلەرنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ قىلىشنى مۇھىم نۇقتا، ئەلا مۇلازىمەتنى ۋاسىتە قىلىپ، يېتەكچى كەسپلەرنىڭ ئىقتدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد-تېىخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى كارخانىلىرى مەركىزىي مۇلازىمەت زالى، شىنجاڭ بىرلەشمە خىمىيە سانائىتىنىڭ يىلىغا 40 مىڭ توننا پولى فورمالدېگىد ئىشلەپچىقىرىش تۈرى، جۇڭگو نېفىتى تارىم دەرياسى دزېل مېيى بۇرغىلاش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش تۈرى قاتارلىق مۇھىم تۈرلەرنى قۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، «چوڭ تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى» پائالىيىتى ئارقىلىق يەرلىكتىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، تەرەققىيات رايونىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى. 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، كۇچا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا 89 كارخانا ماكانلىشىپ،11مىليار 180مىليون يۈەنلىك سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى يارىتىپ، 10مىڭ 500ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  مۇخبىر: كۇچا خەلق رادىئو ئىستانىسىدە

  مۇھەررىر : ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر