باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ئايرودرومى بىر ئايدا تۇنجى قېتىم 20 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق يولۇچى كۈتۈۋالدى

2014.07.14 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرىمانگۈل داۋۇت خەۋىرى. 5-ئاي كىرگەندىن بۇيان كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئاۋىئاتسىيە ساياھەت بازىرى قىززىپ كەتتى، كۇچا كۈسەن ئايرودرومىغا بىر ئايدا كىرىپ-چىققان يولۇچى سانى تۇنجى قېىتم 20مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

  سىچۈەندىن شىنجاڭغا كەلگەن بىر ساياھەتچى مۇخبىرغا مۇنداق «كۇچاغا كېلىپ كۇچا ۋاڭ ئوردىسى، تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى، چوڭ كۆل مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلىپلا قالماستىن، كۇچانىڭ ئاق كىشمىش ئۆرۈكىنى تېتىدىم، مېڭىشتىن بورۇن نەچچە يېشىك ئېلىۋالدىم، ئورۇق-تۇغقان، دوستلىرىمغا سوۋغا قىلىمەن» دېدى.

  ياز پەسلى ئاۋىئاتسىيە ساياھەتچىلىكىنىڭ ئالتۇن پەسلى، كۇچا كۈسەن ئاۋىئاتسىيە ئايرودرومىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كۇچادىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپلان سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تولۇقلىما بېلەت ئېلىش كۆزنىكى ھەركۈنى بىرقىسىم بېلەتلەرنىڭ باھاسىنى يېرىمدىن كۆپرەك چۈشۈرگەن. كۇچادىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ كىلىش بېلەت باھاسى 660 يۈەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئەڭ تۆۋەن بېلەت باھاسى 410 يۈەن بولغان.

  ئىگىلىنىشىچە، كۇچا ئايرودرومىدا ھەر كۈنى ئۈرۈمچىگە بېرىپ كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپلان 6 دىن ئاشىدىغان بولۇپ ،ئالدىنقى يېرىم يىلدا كۇچا كۈسەن ئايرودرومىغا كىرىپ-چىققان يولۇچى سانى تۇنجى قېتىم 110مىڭ ئادەم قېتىمدىن، بىر ئايدا كىرىپ-چىققانلار 20مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.

  مۇخبىر: كۇچا خەلق رادىئو ئىستانىسىدە

مۇھەررىر : ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر