باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر شەھىرى مەدەنىيەت كەسپى ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرماقتا

2014.07.14 10:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر شەھىرى مەدەنىيەت كەسپىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنىڭ موھىم نوقتىسى قىلىپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت كەسپىگە مەبلەغ سېلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا–كىچىك تىپتىكى مەدەنىيەت كەسپىي كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بەردى. دۆلەتنىڭ تۈر مەبلىغى جەھەتتىن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەدەنىيەت كەسپلىرى باغچا رايونىنى پىلانلاش ۋە قۇرۇشنى تېزلىتىپ، شېنجېن بىلەن بولغان مەدەنىيەت ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت كەسپىنى قەشقەرنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىسىتىراتېگىيەلىك كەسىپلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇردى.

  بىر قىسىم مەدەنىيەت كارخانىلىرى قەشقەردە ماكانلىشىشقا جەلب قىلىندى. قەشقەر «جوڭكۈن» كۇلالچىلىق مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى غەيرىي ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن كەسىپلەر تەرەققىياتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۇلالچىلىق نەفس بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقاردى. 2010-يىلىدىن 2013-يىلغىچە 120 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئىقتىسادىي كىرىمىنى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى. بۇ يىل قەشقەر «جوڭكۈن» كۇلالچىلىق مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايون بويىچە مەدەنىيەت كەسپىدە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلۇق باھالىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۈنجى مەدەنىيەت كەسپىدە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بولۇپ قالدى. قەشقەر «چيەن شياڭ» مەدەنىيەت كەسىپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سېلىپ ئىشلىگەن 104 قىسىملىق «ئىپار مەلىكە» ناملىق كارتون فىلىم ئىپارخاننى تىپ قىلىپ، ھىكايە ۋەقەلىكىنىڭ راۋاجى ئارقىلىق توغرا دۇنيا قاراش ۋە قىممەت قارىشىنى ئاكتىپ يەتكۈزۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ كۆپ مەببەلىك مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا بىرىكىشىدەك مەركىزىي تېمىنى نامايان قىلدى. «قەشقەرلىكلەر» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك تەييارلىق خىزمىتىمۇ پۇختا ئىشلەنمەكتە. بۇ مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت كەسپىنى تىخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرگەندىن باشقا، يەنە قەشقەرنىڭ قىياپىتىنى ئومۇمىيۈزلۈك نامايەن قىلىپ، قەشقەرنى دۇنياغا تونۇتتى.

  نۆۋەتتە قەشقەر شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت كەسىپى بەلگىلۈك كۆلەم شەكىللەندۈرۈپ، كىنو-فىلىم ئىشلەش، مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى نۇقتىسى قۇرۇلۇشى، ئاخبارات-نەشىرىيات، تارقىتىش قاتارلىق ھەر قايسى ساھەگە چېتىشلىق 12 تۈرنى ئۆزئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت كەسپى تۈر ئامبىرى قۇرۇلدى. چالغۇ ياساش، دوپپا كەشتىلەش قاتارلىق ھەمكارلىق كوپراتىپلىرىنى قۇرۇش، ئۇيغۇر مېزىلىك تائاملىرى كوچىسى قاتارلىق تۆت ئالاھىدە كوچىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق مەدەنىيەت كەسپى تېز سۈرئەتتە زورىيىپ، شەھەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا موھىم رول ئوينىدى.

  مۇھەررىر : ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر