باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى يەنە كەسكىنلەشتى

2014.07.14 09:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئىيۇل، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 8-ئىيۇل باشلىغان «پىچاق بىسىنى قوغداش ھەرىكىتى» (ئىلگىرى چېگرا قوغداش ھەرىكىتى، دېيىلگەن ــــ مۇھەررىردىن) 3-كۈنىگە قەدەم قويدى، پەلەستىننىڭ غەززە رايونى ھاۋا ھۇجۇمىغا داۋاملىق ئۇچراپ، خېلى كۆپ كىشىگە تالاپەت يەتتى.

  پەلەستىن تاراتقۇلىرىنىڭ 10-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ئەشەرەف زېدرا«ھازىرغىچە 77 پەلەستىنلىك ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدا قازا قىلدى، يەنە 500 دىن كۆپرەك كىشى يارىلاندى»دېگەن. ئەشەرەف زېدرانىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھۇجۇمدىن بۇرۇن پەلەستىن تەرەپكە ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىگەن. يەنە بىر خەۋەردە دېيىلىشىچە، 9-ئىيۇل كەچتە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھەتتا غەززەدىكى بىر قەھۋەخانىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ئەينى چاغدا 300 چە پەلەستىنلىك توپ مەستانىسى قەھۋەخانىدا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ نەق مەيدان كۆرسىتىلىشىنى كۆرۈۋاتقان ئىكەن. بۇ قېتىملىق ھۇجۇم 6 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، 15 ئادەمنىڭ يارىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر