باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

ئانا تىل رىشتىلىرىدىن ئۇرغۇغان پۇتبول ئىشقى

2014.07.13 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆز مۇخبىرلىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى، روشەن ئىسمايىل، قەيسەر ساۋۇت، شادىيە ئامانۇللا

  2014 – يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلانغاندىن بۇيان، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى غۇلجىنىڭ ئىلى دەريا بويلىرىدىن قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەيدانىنىڭ خالتا كوچىلىرىغىچە، تۇرپان–قۇمۇلنىڭ بۇيلۇق ۋە ئېتىزلىقلىرىدىن خوتەن دىيارىنىڭ مەھەللىلىرىگىچە بايرام تۈسىگە كىرگەندەك ئۆزگىچە ھايات قاينىمى ھۆكۈمران بولدى. مەھەللىلەر، تېز تاماقخانىلار، ئارامگاھلار، ئائىلىلەردە توپ مەستانىلىرىنىڭ تەنتەنە-قىيقاسلىرى ۋە ئۆكىنىشلەر بىلەن تولدى. ئادەتتە تىرىكچىلىك ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش يۈرگەن كىشىلەر مۇشۇ پۇرسەتتە بىر يەرگە جەم بولۇشۇپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشتى، كۆڭۈل ئېچىشتى، كۈنلىرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشتى. بۇ «مەرىكە» كىشىلەرنىڭ مەنىۋىيىتىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، پەقەت توپ مەستانىلىرىغىلا ئەمەس، ھەممەيلەنگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھوزۇر ۋە زوقلارنى ئېلىپ كەلدى. بولۇپمۇ بۇ مۇسابىقىنىڭ نەق مەيداندىكى ئەھۋالىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا بىۋاسىتە چۈشەندۈرۈلۈشى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يېڭى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگىمۇ تۈرتكە بولدى.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر