خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى ، فوتوسى : 8- ئىيۇل كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ساقساق كوچا باشقارمىسىنىڭ كۇچئېرىق مەھەللىسىدە «ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش ئۆسۈمسىز چاتما كېپىللىك قەرز پۇلى» تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار 75 كىشىگە 340مىڭ 600يۈەن ئىگىلىك تىكلەش ئۆسۈمسىز چاتما كېپىللىك قەرز پۇلى تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ، تۇرمۇشىنى بەخىتلىك ئۆتكۈزۈشىگە يېشىل چىراق يېقىپ بەردى. مۇخبىر كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا
سۈرەتتە: 8- ئىيۇل كۇچئېرىق مەھەللىسىدىكى«ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش ئۆسۈمسىز چاتما كېپىللىك قەرز پۇلى» تارقىتىش مۇراسىمىدىن كۈرۈنۈش.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى