- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لىڭ جېڭسې سەنشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى
2014.07.11 14:08 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «سەنشى گېزىتى» ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 7-ئاينىڭ 9-كۈنى، سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك سەنشى ئۆلكىلىك كومىتېتنىڭ 9-قېتىملىق دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇناسىۋەتلىك كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش–ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش قارارى ماقۇللانغان. لىڭ جېڭسې قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ۋە ۋاڭ گورۇينىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىغانلىقى ئۈچۈن، لىڭ جېڭسېنى سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك سەنشى ئۆلكىلىك كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەمدە سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك سەنشى ئۆلكىلىك كومىتېتنىڭ دائىمىي ئەزالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش، ۋاڭ گورۇينىڭ سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك سەنشى ئۆلكىلىك كومىتېتنىڭ دائىمىي ئەزالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش قارار قىلىنغان.
خەلق تورى يەرلىك رەھبەرلەر ماتېرىيال ئامبىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، لىڭ جېڭسې 2008-يىلى سىياسىي كېڭەش سەنشى ئۆلكىلىك كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىنتىزام-قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغان، بۇ سەنشى ئۆلكىسى 2014-يىلى جىن داۋمىڭدىن كېيىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان 2-نەپەر مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدار ھېسابلىنىدۇ.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر