‹‹ جۇڭگو ئارزۇسى . دۇنيانىڭ دوستلۇقى ۋە تىنچلىقى ›› تېمىسىدىكىي تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو–ئامېرىكا خەلقئارا مەدەنىيەت-سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئالماشتۇرۇش كۆرگەزمىسى 10-ئىيۇل نيۇيوركتا باشلاندى .
جۇڭگو دۆلەتلىك تاشقى ئىشلار مۇراسىم كومىتېتى بىلەن خەلقئارا مەدەنىيەت-سەنئەت بۇيۇملىرى مۈلۈك ھوقۇقى سودا ئورنى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە بەش كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ ، 20 نەچچە داڭلىق سەنئەتكارنىڭ 380 پارچىدىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ .