باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى خوۋارد بىلەن كۆرۈشتى

2014.07.10 11:24   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شى جىنپىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى خوۋارد بىلەن كۆرۈشتى


دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئىيۇل ‹‹ خەلق ›› سارىيىدا ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى خوۋارد بىلەن كۆرۈشتى .
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : نۆۋەتتە ، ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئالاقىسى قويۇقلىشىپ ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ۋەزىيىتى ياخشى بولماقتا . كەلگۈسىگە نەزەر سالساق ، جۇڭگو يەنىلا مۇھىم تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرماقتا . بىز ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز . بۇ، جۇڭگو-ئاۋسترالىيە ھەمكارلىقى ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسەت .جۇڭگو-ئاۋسترالىيە ئىككى تەرەپ يىراق كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاپ ، ئورتاق مەنپەئەتنى چۆرىدەپ ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرلىنىشى ، زور مەسىلىلەردە بىر-بىرىگە غەمخورلۇق قىلىپ ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ، جۇڭگو-ئاۋسترالىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك .
شى جىنپىڭ خوۋاردنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ زۇڭلىسى بولغان مەزگىلدە جۇڭگو-ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە ئاپىرىن ئېيتتى .
خوۋارد مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتى دۇنياغا پايدىلىق بولۇپ ، ئاۋسترالىيەگە مۇھىم پۇرسەت ئېلىپ كەلدى . ئاۋسترالىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەت كەڭ ۋە ئورتاق مەنپەئەتكە ۋە كۈچلۈك ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىققا ئىگە بولۇپ ، ئاۋسترالىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق . ئاۋسترالىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ ، مەن ئىككى تەرەپنىڭ ئاۋسترالىيە-جۇڭگو ئەركىن سودا كېلىشىمىنى بالدۇرراق ئىمزالاپ ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز