7-ئاينىڭ 7-كۈنى، جۇڭگو ئىنتېرنېت تورىدا شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىدىكى بىر قىز ئالاھىدە ساقچىنىڭ رەسىملىرى ئاشكارىلانغان. رەسىمىدىكى بۇ گۈزەل تاجىك قىزىنىڭ كۆز-قاشلىرى ناھايىتى قاملاشقان، تېرىلىرى ئاپئاق، قارا ئالاھىدە ساقچى فورمىسى سىرتىدىكى جەسۇر قامىتى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلغان. ئىلگىرى، جۇڭگو ساقچىلىرى دۆلەت تىنچلىقىنى قوغداش يولىدىكى جۇشقۇن تولۇپ-تاشقان ئىپتىخارىنى نامايان قىلغان بولسا، بۇ گۈزەل ئالاھىدە ساقچىنىڭ مىكرو بىلوگى يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگو ئالاھىدە ساقچىلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس سالاپىتىنى نامايان قىلغان.