شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بېلەت تاشلاش 9-ئىيۇل ئاخىرلاشتى ، جۇكو ۋېيدودو بىلەن پرابوۋو سۇبيەنتو قاتارلىق ئىككى نەپەر زۇڭتۇڭ نامزاتى ئۆزلىرىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .
تېز سۈرئەتتە بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ، جوكو ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى % 52 لىك بېلەت بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن . ئۇنىڭ رىقابەتچىسى پرابوۋو ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى % 48 لىك سايلام بېلىتىنى قولغا كەلتۈرگەن . بۇلارغا ئاساسەن ، جوكو دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باش ئىشتابىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە ، ئۆزىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە قوللىغۇچىلىرىغا رەھمەت ئېيتقان .
جوكو غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، پرابوۋومۇ ئۇنىڭ بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە قوللىغۇچىلىرىغا رەھمەت ئېيتقان .
بۇ قېتىمقى سايلامدا ، 10 نەچچە ئورگان تېز سۈرئەتتە بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىنى ھېسابلاشقا قاتناشقان ، ئەمما ئوخشىمىغان ئورگانلارنىڭ بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسى ئوخشاش بولمىغان .
ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭ سايلىمى كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ، رەسمىي سايلام نەتىجىسى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ياكى 22-كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن .