- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگونىڭ 3 يىل ئىچىدىكى تاشقى ياردىمى 90 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشتى
2014.07.11 14:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 10-چېسلا ئېلان قىلغان «جۇڭگونىڭ تاشقى ياردىمى (2014)» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا ئېيتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، جۇڭگو 121 دۆلەتكە ياردەم بەرگەن بولۇپ، تاشقى ياردەم سوممىسى 89 مىليارد 340 مىليون يۈەنگە يەتكەن. تاشقى ياردەم مەبلىغى ھەقسىز ياردەم، ئۆسۈمسىز قەرز ۋە ئېتىبار قەرزدىن ئىبارەت 3 خىل شەكىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچ يىل ئىچىدە، جۇڭگونىڭ چەت ئەللەرگە قىلغان ھەقسىز ياردىمى 32 مىليارد 320 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تاشقى ياردەم ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %36.2نى ئىگىلىگەن؛ چەت ئەللەرگە بەرگەن ئۆسۈمسىز قەرزى 7 مىليارد 260 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تاشقى ياردەم ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %8.1نى ئىگىلىگەن؛ چەت ئەللەرگە بەرگەن ئېتىبار قەرزى 49 مىليارد 760 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تاشقى ياردەم ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %55.7نى ئىگىلىگەن.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر