باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسى تەربىيە ئەمىلىيىتى پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ۋەدىسىنى ئەمىلىيلەشتۈرمەكتە

2014.07.11 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى: كۇچا ناھىيەسىدىكى تارماقلار

  پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشىيەن تەربىيە ئەمىلىيىتى پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ كادىرلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئورگانلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە.

  ئوغۇلنىسا ئىبراھىم-- كۇچا ناھىيەسىنىڭ رەستە كوچىسى لىن جىلۇ يولى مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق نامرات ئاھالە بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان كېسەل بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ قالغانىدى، ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەھەللە كادىرلىرىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشى بولمىغان بولسا، ئائىلەمدىكى زور قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىم تەسكە چۈشەتتى، مەھەللە كادىرلىرى ھەر كۈنى ئۆيمۇ- ئۆي كىرىپ، قانداق قىيىنچىلىقىمىز بولسا ھەل قىلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئالدىنقى قېتىم ئاغرىپ قالغاندا، بالنىتسىدا ياتماقچى بولغانىدىم، لېكىن كارۋات يوق بولغاچقا ياتالمىدىم، شۇ ۋاقىتتا مەھەللە كادىرلىرى دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ، مېنىڭ بالنىتسىدا يېتىپ داۋالىنىش مەسىلەمنى ھەل قىلىپ بەردى.

  ئىسمائىل سىدىق مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئىش بولسا، ئۆزەم ماڭاتتىم، ھازىر ياخشى بولدى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئىشىك ئالدىغا كېلىپ مۇلازىمەت قىلىدىغان بولدى، مەھەللە كادىرلىرى جان-دىل بىلەن بىزگە كۆيۈنۈۋاتىدۇ، مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ.

  كۇچا ناھىيەسدىكى تارماقلار ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﻟﯘﺷﻴﻪﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﻪﻣﻪلىيىتى ﭘﺎﺋﺎلىيىتى ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮن ، ۋىلايەت ، ناھىيەلىك ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪكچىلىكىدە ناھىيەدىكى ﮬﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮى ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻛﻪﯓ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ، ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻧﯘﻗﺘﺎ، ﻗﯩﻴﯩﻦ ﻧﯘقتا ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮىنى ﺋﯚﺯ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ، ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﭗ، ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﻪﻣﻪلىيىتى ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺳﺎختىلىق ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻗﯘﺭﯗﻕ گەپ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺋﯧﻐﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ساغلام قانات يايدۇرۇلىشى، ﻳﯘﻗﯩﺮى ﮬﺎﺭﺍﺭﻩﺗﺘﻪ ﺩﺍﯞﺍملىشىشىنى ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ،«ﺧﻪلقنى ﻛﯚﺯﻟﻪﺵ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻞ، ﭘﺎﻙ ﺑﻮﻟﯘﺵ»ﺗﺎ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺳﺎﺩﺍ ﻳﺎﯕﺮىتىپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ ئىشەنچىسىگەئېرىشتى.

  مۇخبىر كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر