باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ۋە لاتىن ئامېرىكىسى

2014.07.11 01:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بىرازىلىيە، ئارگېنتىنا، ۋېنېسېئۇلا ۋە كۇبادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ، ھەمدە جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. بۇ جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىدىكى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش بولۇپ، جۇڭگو بىلەن يۇقارى دۆلەتلەر شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ.

  جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى، شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە. بىر قانچە ئەسىر ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ سودا ئەلچىلىرى دېڭىزدىكى يېپەك يولىنى ئاچقان، بۇ شەرقىي ۋە غەربىي يېرىم شاردىكى مۇھىم سودا يولىغا ئايلىنىپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئادەمىيەت ئالماشتۇرۇش كۆزنىكىنى ئاچقان.

  يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە خەلقئارادىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن باراۋەر بولۇش، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىش باش تېمىسىنى چىڭ تۇتۇپ، بىرلىكتە تىرىشىپ جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. سىياسىي جەھەتتە بىر-بىرىگە ئىشىنىش كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى تېخىمۇ موللاشتى، خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئومۇمىي ھەمكارلىقى ماھىيەتلىك ئىلگىرلىدى.

  جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تاللىشى. 2008-يىلى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى «جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىپ دېڭىزى رايونىغا قوللىنىدىغان سىياسىتى توغرىسىدىكى ھۆججەت»نى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ باراۋەرلىكتە ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىدىغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرمۇ بۇنىڭغا ئىجابىي ئىنكاس قايتۇردى. 2013-يىلى 6-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى 3 دۆلەتكە زىيارەتكە بېرىپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ باراۋەرلىكتە ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىدىغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى؛ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىسىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىسى مول بولدى، خەلق زور نەپكە ئېرىشتى. 2012-يىلى، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ سودا سوممىسى 261 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ 2-چوڭ سودا شېرىكىگە ۋە ئاساسلىق مەبلەغ سېلىش مەنبەسىگە ئايلاندى، لاتىن ئامېرىكىسى دۇنيادىكى جۇڭگوغا قىلىدىغان ئېكسپورتى ئەڭ تېز ئېشىۋاتقان رايونغا ئايلاندى. جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسىغا جەمئىي 65 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەردە نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ياراتتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىپ دېڭىز رايونى ئىقتىساد كومىتېتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى لاتىن ئامېرىكىسىغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى، جۇڭگو ئامىلى لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان يېڭى ماتورغا ئايلاندى، دېيىلدى.

  ھازىر، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىدىغان مۇھىم پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا. جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مەنپەئەت بىرىكىشى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان سەۋىيەگە يەتتى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ھەقىقىي ياخشى دوستقا، ياخشى شېرىككە ئايلاندى.

  جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى دەل ۋاقتىدا بولدى، بۇ جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىدا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە، ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىدىغان، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارزۇسىنى نامايەن قىلىدۇ.

  ئىشىنىمىزكى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى زىيارىتى جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنيا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقۇسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر