باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئېسىل ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى

رېئودى-ژانېيرو ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە كۈچ ئاتا قىلدى

2014.07.11 01:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاياغلىشاي دەپ قالدى، بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، پۇتبول پادىشاھى بولغان بىرازىلىيەنىڭ پۇتبولدىكى ئىپادىسى پۈتۈن دۇنيادىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گېرمانىيە تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق مەغلۇب قىلىنىپ، گېرمانىيەگە بىردە يەتتە ئۇتتۇرۇپ قويدى. دۇنيا لوڭقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن، بىرازىلىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزەلمەسلىكى گۇمانغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولدى، مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىراد تەشكىلىي كومىتېت كوللېكتىپىنى باشلاپ، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلىشىشى ئۈچۈن تېرىشىپ ئىشلىمەكتە. تىرادنىڭ قارىشىچە، قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان توپ مەستانىلىرى ۋە ئېسىل مۇسابىقە پۇتبولنىڭ ئىككى ئاساسلىق تەركىبى قىسمى بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، بۇ ئارقىلىق، ئىككى يىلدىن كېيىنكى رېئودى-ژانېيرو ئولىمپىك مۇسابىقىسىمۇ نەپكە ئېرىشىدىكەن.

  تىرادنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدا ھازىرغىچە 60 مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىنى ئوتتۇرىچە 52 مىڭ 762 ئادەم كۆرگەن، بۇ سان 2006-يىلىدىكى گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسىدىكى 52 مىڭ 491 ئادەمدىن ئېشىپ، تارىختا 2-ئورۇندا تۇرغان. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ مۇسابىقىلىرىمۇ كىشىنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى. گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن مۇسابىقىگە قاتناشقان ئالتە كوماندىدىن پەقەت ئېكۋاتورلا گۇرۇپپىدىن چىقالمىدى، ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون ئىسپانىيە كوماندىسى ۋە ئىتالىيە، ئىنگلاند كوماندىلىرى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىلا شاللىنىپ كەتتى، بۇ كىشىلەرنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىپ قالدى، لېكىن ئىككى نۆۋەتلىك شاللاش مۇسابىقىسىدىن كېيىن، ئاخىرىدا مەستانىلەرگە تونۇشلۇق بولغان بىرازىلىيە، گېرمانىيە، ئارگېنتىنا، گوللاندىيە كوماندىلىرى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، ئەمما چېمپىيونلۇقتىكى قىزىق نۇقتا شۇنداقلا بىرازىلىيە خەلقى زور ئۈمىد كۈتكەن بىرازىلىيە كوماندىسى يادرولۇق ماھىر نېيمار ۋە مۇھىم مۇداپىئەچى تىياگو سىلۋا مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان ئەھۋالدا، ئىپادىسى ناچار بولۇپ، مەستانىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، گېرمانىيە تەرىپىدىن شاللىۋېتىلدى. ئارگېنتىنا بىلەن گوللاندىيە كوماندىلىرىنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشى 10-ئىيۇلدىكى مۇسابىقىدە ئايدىڭلىشىدۇ. گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە بىر نەچچە داڭلىق كوماندا شاللانغان ۋە بىر نەچچە ئاجىز كوماندا ئۆزىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بۇرۇنقى ئىزىغا قايتىپ كەلدى.

  تىراد مۇنداق دېدى: پۇتبول مەيدانىدىكى كەيپىيات ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، رېئودى-ژانېيرودىكى كىپاكابانا دېڭىز ساھىلى ۋە سان-پاۋلودىكى مەستانىلەر باغچىسىدا ماڭغان چېغىڭىزدا، سىز ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن توپ مەستانىلىرىنىڭ مۇسابىقىدىن، بىرازىلىيەدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، چەتئەللىكلەر ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان بىرازىلىيەنىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرى، مەسىلەن: كۇرىتىبا، ئاللېگرى پورتىمۇ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن شەھەرلەر بولغانلىقتىن نۇرغۇن چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن، تەييارلىق ئىشلىرى ئاستا، پۇتبول مەيدانلىرىنى ئىشقا تاپشۇرۇش كەينىگە سۈرۈلگەن، ئىش ئورنىدا ۋەقەلەر ئۈزۈلمىگەن، ئۇل ئەسلىھەلەر قالاق، نامايىش توختىمىغان بولۇپ، بۇنداق ئاستا تەييارلىق كىشىلەردە بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە گۇمان پەيدا قىلغان ئىدى. ھالبۇكى، مۇسابىقە باشلىنىشىغىلا، مىش-مىش پاراڭلار ئىچىدە قالغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار يوقاپ كەتتى، ئۇنىڭ ئورنىدا پۇتبولنىڭ سېھرىي كۈچى بىرازىلىيە كوچىلىرىنى قاپلىدى؛ كەڭ كۆلەمدە ئىش تاشلايدىغان ئىشلارمۇ كۆرۈلمەستىن، بەلكى بىرازىلىيەلىكلەرنىڭ قىزغىنلىقى، مېماندوستلۇقى تېخىمۇ نامايان بولدى.

  تىرادنىڭ قارىشىچە، بۇ بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تېرىشقانلىقى ھەم خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ۋە تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ زىچ ماسلىشىشىدىن بولغان، بۇنىڭدا تېخىمۇ مۇھىمى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ سېھرىي كۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىش كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇرقى دۇنيا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا ئوخشاش ۋەقەلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىرازىلىيە مۇسابىقە مەزگىلىدە ساقچى، ھەربىيلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈز مىڭدىن ئارتۇق ئامانلىق ساقلىغۇچىنى ئىشقا سالدى، بۇ-بىرازىلىيەدە تارىختىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئامانلىق ساقلاش بىرلەشمە پىلانى بولۇپ، مۇسابىقىنىڭ بىخەتەر ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىندى.

  تىراد مۇنداق دېدى: توپ مەيدانىنىڭ ئىچىدىكى ئامانلىق ساقلاشقا تەشكىلىي كومىتېت مەسئۇل بولدى، ھازىرغىچە ھەممە ئىش پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىلدى، بەك كۈتۈلمىگەن ئىشلار يۈز بەرمىدى. بۇلار توپ مەستانىلىرىگە بىخەتەر، شادىيانە مۇسابىقە كۆرۈش مۇھىتى ھازىرلاپ بەردى. دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى بىرازىلىيە خەلقىنى مەستۇ-مۇستەغرەق قىلىۋەتتى، مۇسابىقە مەزگىلىدە دائىم كوچىلارغا ئادەم پاتماي قالدى.

  تىراد يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى كۆرسىتىش جەھەتتە يەنە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى، يەنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى كەڭ قوللىنىلدى. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەڭ قىزىق تېما-ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مەيدانىدىن تارقىتىلغان سۈرەت 32 مىليون پارچىغا يەتكەن، بىرازىلىيە بىلەن چىلى ئوتتۇرىسىدىكى سەككىزدە بىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىلا فەيىسبۇكتا بىر مىليارد قېتىمدىن ئارتۇق ئۇچۇر تارقىتىلىپ، بۇندىن بۇرۇنقى رېكورت بۇزۇپ تاشلانغان.

  تىراد مۇنداق دېدى: مېنىڭچە دۇنيا لوڭقىسىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىش يۈزلىنىشى بارغانسېرى تېزلەشمەكتە، بۇ بەلكىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ بۇرۇنقى تارقىتىش ۋاسىتىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تاراتقۇ بىلەن توپ مەستانىلىرىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ئۇچرىشىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر