باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى (1)

2014.07.10 11:07   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شى جىنپىڭ 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى (1)

  6-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى، 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى يۇقىرى قاتلام كېڭىشىنىڭ بىرلەشمە باشلىنىش مۇراسىمى 9-ئىيۇل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى . دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى ، 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى يۇقىرى قاتلام كېڭىشىنىڭ بىرلەشمە باشلىنىش مۇراسىمى 9-ئىيۇل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى . دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى .

  جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ شياڭ ، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى سۈپىتىدە ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرىدىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى ، مالىيە مىنىستىرى جاكوب قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ . گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ بىلەن كېررى ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى يۇقىرى قاتلام كېڭىشىگە بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ .

  تارىختىكى بىر قىسىم توغرا كېلىپ قېلىشلار كىشىنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدۇ . 43 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىشلىرى ياردەمچىسى كىسسىڭگېر جۇڭگودا مەخپىي زىيارەتتە بولۇپ ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى نىكسوننىڭ 1972-يىلىدىكى ‹‹مۇز چېقىش سەپىرى ›› ئۈچۈن يول ئاچقانىدى . 43 يىل ئۆتۈپ كەتتى ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلار ئىچىدە تېز ئىلگىرىلىدى ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ئەينى چاغدىكى يول ئاچقۇچىلارمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى . جۇڭگو-ئامېرىكا يېڭى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىۋاتىدۇ ، بۇمۇ يىللىق ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش يۇقىرى قاتلام كېڭىشىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇھىم سەۋەبى .

  ئىگىلىنىشىچە ، ئىستراتېگىيە سۆھبىتىدە ، ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ، ھەرقايسىسىنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتى ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇھىم ، ئۆتكۈر مەسىلىلىرى ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئاسىيا ، تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرىكىتى ، شۇنداقلا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى ، يەر شارى خاراكتېرلىك رىقابەت قاتارلىقلار ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن ؛ ئىقتىساد سۆھبىتىدە ، ئىككى تەرەپ ‹‹ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق گۈللىنىدىغان جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىسادىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ›› باش تېما قىلىنىدىغان بولۇپ ، ماكرولۇق ئىقتىساد ۋە قۇرۇلما ئىسلاھاتى ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ، پۇل مۇئامىلە كەسپى ئىسلاھاتى ۋە چېگرا ھالقىغان نازارەت قىلىش ، باشقۇرۇش ھەمكارلىقى قاتارلىق ئۈچ چوڭ تېما ئۈستىدە مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىلىدىكەن .

  بۇ نۆۋەتلىك ئادىمىيەت كېڭىشىدە ‹‹ ياشلار ئالاقىسى بەرپا قىلىپ ، تىنچ كەلگۈسى يارىتىش ›› باش تېما قىلىنىدىغان بولۇپ ، بۇنىڭدا بۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خانىمى پېڭ لىيۈەن بىلەن زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ خانىمى مىچېلنىڭ ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەمكارلىق تەشەببۇسى ئۈچۈن باشلانغان ‹‹مىڭلىغان مەكتەپلەر قول تۇتۇشۇش ، تەبىئەتنى قىزغىن سۆيۈش ، يېشىل تۇرمۇش ›› تۈرى ، جۇڭگو-ئامېرىكا چەت ئەلدە ئوقۇغانلارنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى، جۇڭگو-ئامېرىكا ياشلىرىنىڭ ئىجادىيەت مۇسابىقىسى مۇكاپاتلاش يىغىنى ، جۇڭگو-ئامېرىكا ياشلىرى ئەقىل خەزىنىسى ئالىملار سۆھبىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن .

【1】 【2】 【3】 【4】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز