باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتى سىياسىي-قانۇن كادىر ساقچىلىرىنىڭ ئىنتىزام-قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشىغا دائىر 12 تىپىك دېلو ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2014.07.11 01:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتى سىياسىي-قانۇن كادىر ساقچىلىرىنىڭ ئىنتىزام-قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشىغا دائىر 12 تىپىك دېلو ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى. مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بارلىق سىياسىي-قانۇن كادىر ساقچىلىرى ئىنتىزام ۋە قانۇنغا باشلامچىلىق بىلەن رېئايە قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش-دېلو بېجىرىشتە قاتتىق بولۇپ، نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى ئىنتىزام-قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ۋە قانۇن يۈرگۈزۈشتە چىرىكلىشىش مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى، كىمگە چېتىلىشىدىن، ئەمىلىنىڭ قانچە چوڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاخىرغىچە تەكشۈرۈشى، قەتئىي ئورۇنسىز يول قويماسلىقى كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ بۇ يىل سىياسىي-قانۇن كادىر ساقچىلىرىنىڭ ئىنتىزام-قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشىغا دائىر تىپىك دېلولارنى 2-قېتىم مەركەزلىك ئۇقتۇرۇش قىلىشى ئىكەن. مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتى ئىنتىزام ۋە ئىستىلنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش-دېلو بېجىرىش تەلىپىنى چىڭىتىپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق پولاتتەك قوشۇن قۇرۇپ چىقىپ، ئېسىل ئىستىلى ئارقىلىق سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەيدىكەن.پېڭ بو خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر