باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇرۇش ھەققىنى تاپشۇرۇشقا قۇربى يەتمىگەن بىمارلارنى داۋالاشنى رەت قىلسا بولمايدۇ

دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن كېسەللەرنى جىددىي قۇتقۇرۇش فوندى تەسىس قىلىشنى تەلەپ قىلدى

2014.07.09 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كېسەللەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى تېز ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 2014-يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەر كېسەللەرنى جىددىي قۇتقۇرۇش فوندى تەسسىس قىلىپ، فوند باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى ئېنىق بېكىتىدۇ ھەمدە كونكرېت چارە ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

  دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار قۇتقۇزۇش فوندىنى ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ھەق تاپشۇرۇش قاتارلىق كونكرېت تەرتىپلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، سىياسەتنى ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدىغان قىلىپ، فوندنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشى ۋە مۇۋاپىق ھەق تاپشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كېسەللەرنى جىددىي قۇتقۇرۇش فوندىنىڭ رولىنى تېزدىن جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارماقلىرى ھۆكۈمەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوكلات يوللاپ، مالىيە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، خەلق ئىشلىرى، ج خ قاتارلىق قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىپ، كېسەللەرنى جىددىي قۇتقۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنتىشى ھەمدە سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقىدا ئىشخانا تەسىس قىلىپ كۈندىلىك ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىش لازىم.بەي جيەنفىڭ خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر