- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مۇھىت ئاسراش قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىدە 5-ئىيۇن مۇھىت كۈنى قىلىپ بەلگىلەندى
2014.04.23 09:19 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8-سانلىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان مۇھىت ئاسراش قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىدە، مۇھىت ئاسراش تەشۋىقاتى ۋە پۇقرالارنىڭ مۇھىت ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدە مۇناسىپ بەلگىلىمە چىقىرىلدى، لايىھەدە 5-ئىيۇن مۇھىت كۈنى قىلىپ بەلگىلەندى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتى مۇنداق دېدى: پۇقرالارنىڭ مۇھىم ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا بېكىتىلگەن دۇنيا مۇھىت كۈنىنى مۇھىت ئاسراش قانۇنىغا كىرگۈزۈپ، ھەر يىلى 5-ئىيۇننى مۇھىت كۈنى قىلىپ بەلگىلەش تەكلىپىنى بەردۇق.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر