باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىنقى كېڭەيتىلىدۇ

2014.04.24 10:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولىشىچە، تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش تۆمۈر يول تىرانسپورتى ۋە پوچتا كەسپىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى تۇنجى پەسىلدە تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىنقى ئېلىپ بېرىلغان كارخانىلارنىڭ 37 مىليارد 500 مىليون يۈەن بېجى ئازايتىلغان، ئەمما باج كىرىمى %9.9 ئاشقان، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش مۇساپىسىنىڭ ياخشى كېتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  تۆمۈر يول تىرانسپورتى تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىناق نۇقتىسىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن قىسقا يېڭى بىر يول ئېچىلدى دېسەكمۇ بولىدۇ، تاشيول، سۇ قاتنىشى، ئاۋىياتسىيە، تۆمۈر يول، بارلىق قاتناش تىرانسپورت كەسپىدە كۆپەيمە قىممەت بېجى مۇكەممەل زەنجىرى ھاسىل بولۇپ، بۇ ساھەدە قايتا باج ئېلىش تەلتۆكۈس تۈگىتىلدى.

  كۆمۈر، پولات تۆمۈر، ئاشلىق قاتارلىق چوڭ ماددىي ئەشيا تىرانسپورتى ئاساسلىقى تۆمۈر يولغا تايىنىدۇ، مۇشۇنداق كارخانىلارنىڭ ھەممىسى بۇ قېتىمقى تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش دائىرىسىدە نەپكە ئېرىشكۈچىلەر.

  بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىنقى ئېلىپ بارغان نۇقتىلىق كەسپىلەردىن ــ ئىجارە ۋە سودا مۇلازىمىتىدە باج كىرىمى %20.7، ئۇچۇر مۇلازىمەت كەسپىدە باج كىرىمى %17.8ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە ئۈچىنچى كەسىپنىڭ %13.6 ئېشىش نىسبىتىدىن خېلى يۇقۇرى بولدى.

  تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، مۇلازىمەت كەسپىدە يارىتىلغان باج كىرىمىنىڭ ئومۇمىي كىرىمدە ئىگەللىگەن نىسىبتى ئەڭ يۇقۇرى ئىكەن، ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقى، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئېلېكتىرو ياسىمىچىلىقتا باج كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىرقەدە تېز بولغان، بۇنىڭدىن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش مۇساپىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر