باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۇل مۇئامىلە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش تېلىۋىزيە تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى

2014.04.24 10:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مەملىكەتلىك يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى تەجرىبە ئالماشتۇرش تېلىۋىزىيە تېلېفون يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىق سالدى، تەستىقتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېزا ئىگىلىك، يېزا ۋە دېھقانلار خىزمىتى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت، پۇل مۇئامىلىدە يېزا ئىگىلىك، يېزا ۋە دېھقانلار خىزمىتىنى قوللاش، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، زامانىۋىي يېزا ئىگىلىك بەرپا قىلىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقىنى ئازايتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېزا ئىگىلىك، يېزا ۋە دېھقانلار خىزمىتى تەرەققىياتىنى چىقىش قىلىپ، يېزا پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا پۇل مۇئامىلە بازىرىنى يېتىلدۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىناۋەتلىك قەرزى تارقىتىش ۋە سىياسەت جەھەتتىن يۆلەشنى ئاشۇرۇپ، پەرقلىق پۇل ئامانەت تەييارلىق فوندى تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم، يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى پۇل مۇئامىلە كۆزقارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆز ئۈستۈنلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزائىگىلىكىگە، دېھقانلارغا تىرىشىپ كۆپرەك نەپ يەتكۈزۈپ، يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى لازىم.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ما كەي يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتىلدى: جايلار ۋە تارماقلار ھەمدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى باش مىنىستىر لى كېچياڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى بىر سىستېما قۇرۇلۇشى قىلىپ، قاتتىق، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يېزا ئىگىلىك، يېزا ۋە دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر