باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە يېڭىدىن دۆلەت دەرىجىلىك دېڭىز ئوكياننى ئالاھىدە قوغداش رايونىدىن 11 ى كۆپەيتىلدى

2014.04.24 10:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك دېڭىز ئوكيان ئىدارىسى يېقىندا «دۆلەتلىك دېڭىز ئوكيان ئىدارىسىنىڭ پەنجىن يۈەنياڭگۇ دۆلەت دەرىجىلىك دېڭىز ئوكيان باغچىسى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك 11 دېڭىز ئوكيان ئالاھىدە قوغداش رايونى قۇرۇشنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى» بېسىپ تارقاتتى، يېڭىدىن دۆلەت دەرىجىلىك 11 دېڭىز ئوكيان ئالاھىدە قوغداش رايونى كۆپىيىدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئېلىمىزدە ئەسلىدە بار بولغان دۆلەت دەرىجىلىك دېڭىز ئوكيان ئالاھىدە قوغداش رايونى 56 گە، ئومۇمىي كۆلىمى 69 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە دېڭىز ئوكيان باغچىسىدىن 30 ى بار.

  ئىگىلىنىشىچە، 2005-يىلىدىن بۇيان ئېلىمىز تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك دېڭىز ئوكيان ئالاھىدە قوغداش رايونى قۇرغاندىن بۇيان، نۆۋەتتە ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك شارائىتنى قوغداش رايونى، دېڭىز ئوكيان ئېكولوگىيەسىنى قوغداش رايونى، دېڭىز ئوكيان بايلىقىنى قوغداش رايونى ۋە دېڭىز ئوكيان باغچىسى قاتارلىق بىر نەچچە خىل تۈردىكى دېڭىز ئوكيان ئالاھىدە قوغداش رايونى تور سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر