باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

11-قېتىملىق مەملىكەتلىك پۇقرالارنىڭ كىتاب ئوقۇشىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

2014.04.24 10:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاخبارات-نەشرىيات تەتقىقاتخانىسى تەشكىللەپ يولغا قويغان 11-قېتىملىق مەملىكەتلىك پۇقرالارنىڭ كىتاب ئوقۇشىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى 21-ئاپرېل بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى. تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، پۇقرالارنىڭ كىتاب ئوقۇش مىقدارى كىشى بېشىغا 4.77 پارچىدىن توغرا كەلگەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 0.38 پارچە ئېشىپ، ئېلىمىزدىكى قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ رەقەملىك ئوقۇش ئۇسۇلى بىلەن ئۇچرىشىش نىسبىتى تۇنجى قېتىم يېرىمدىن ئاشقان، %50 تىن ئارتۇق پۇقرا ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇغان كىتاب سانى بىر قەدەر ئاز دەپ قارىغان. دۆلەتلىك ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى نەشىر باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ شاڭجى مۇنداق دېدى: دۆلەت دېھقانلار قىرائەتخانىسى، مەھەللە قىرائەتخانىسى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قىرائەتخانىسى، روتا قىرائەتخانىسى قاتارلىق سەھنىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامغا، ئاممىغا يۈزلەنگەن ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ ھەم ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك كىتاب ئوقۇش قانۇنى چىقىرىش ۋە پىلانلاش خىزمىتىگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، كىتابخۇمار جۇڭگو قويۇق كەيپىياتىنى تېرىشىپ بەرپا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر