- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
خەۋەر ئالدامچىلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن 200 دىن ئارتۇق گېزىت ژۇرنال تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى
2014.04.24 10:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ئاخبارات نەشرىيات رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ئاچقان «خەۋەر ئالدامچىلىقى ۋە يالغان خەۋەر يېزىشقا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىدىن» ئۇقۇشىچە، خەۋەر ئالدامچىلىقى، ھەقلىق خەۋەر يېزىش ۋە يالغان خەۋەر يېزىش قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن 2013-يىلىدىن بۇيان مەملىكەت بويىچە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان 216 گېزىت ژۇرنال تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 49 مۇخبىرلار پونكىتى، 14 مىڭ 455 مۇخبىرلىق كىنىشكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
يىغىندا مۇنۇلار مەلۇم قىلىندى: 2013-يىلىدىن بۈگۈنگە قەدەر، مەملىكەت بويىچە ئاخبارات گېزىت ژۇرنال ساھەسىدە 400 پارچىدىن ئارتۇق دېلو مەلۇماتى تاپشۇرۇۋېلىندى، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان 216 گېزىت ژۇرنال تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 76 سى توختىتىپ قويۇلدى. بۇنىڭدىن سىرت 49 مۇخبىرلار پونكىتى ۋە 14 مىڭ 455 مۇخبىرلىق كىنىشكىسى بىكار قىلىندى، 193 مۇخبىرلار پونكىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كېچىكتۈرۈلدى.
ئاخبارات نەشرىيات رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى پارتى گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ جيەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەۋەر ئالدامچىلىقى ۋە يالغان خەۋەر يېزىش دېلوسى بەزى ئەنئەنىۋى تاراتقۇلاردا ئىنتېرنېت تورىنىڭ زەربىسىدە پۇت تىرەپ تۇرۇش كىرىزىسى كېلىپ چىققانلىقىدا ئەكس ئەتتى. بۇنىڭغا قاتتىق زەربە بەرمىسەك تاراتقۇلارنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچىلىكىلىكى ۋە بازارنىڭ ئىگىلىگى تەرتىپىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، مەخسۇس ھەرىكەتنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدا توردىكى«سېرىق مەرەزلەرنى تازىلاش، قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش» خىزمەت كۈچى يەنىمۇ كۈچەيتىلىدىكەن، خەۋەر ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش ۋە تاراتقۇلارنىڭ يەرلىكتە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئېنىقلاش ۋە رەتكە سېلىش تەڭ قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قاقتى سوقتى قىلىشنى پەردە ئارقىدا تۇرۇپ پىلانلىغان قانۇنسىز ئاپپاراتلار ئېنىقلاپ چىقىلىدىكەن، ئامما دېلو مەلۇم قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرىلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر