باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

2014.04.24 10:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. باش مىنستىر لى كېچياڭ بىلەن ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامىرۇن ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئايرىم-ئايرىم تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ئۇزاق تارىخقا ۋە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئۇزاق مۇددەت شەرق بىلەن غەربنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ئالاقىسىدىكى مۇھىم يول ئىدى. 2012-يىلى جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى باشلىدى. ئىككى تەرەپ مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، تاراتقۇ، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردە مول ئۈنۈملۈك ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدا كەڭ دائىرىدە ئىجابىي تەسىر قوزغىدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى ئالدىنقىلارغا ۋارسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتەك مۇھىم پەيتتە تۇرماقتا. بۇ قېتىمقى يىغىندا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئومۇملۇقىغا ئەھمىيەت بېرىلىپ، «ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش، تەجرىبىلەرنى ئۆرنەك قىلىش، كەلگۈسىدىن ئورتاق بەھرلىنىش» باش تېمىسى چۆرىدىلىپ، كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر ئالماشتۇرۇش سۆزلىشىشى ئېلىپ بېرىلىپ، ئورتاق تونۇش يەنىمۇ مۇجەسسەملىنىپ، ھەمكارلىق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭگو ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر