باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

2014.04.24 10:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجاڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چياۋ شاۋياڭنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ تۈزۈتىلمە لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكىرى توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى، جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە توغرىسىدىكى ئىزاھات لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى فۇ يىڭنىڭ «ئۇن-سېن ئويۇنى بېيجىڭ شەرتنامىسى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار ئەدىلىيەسى جەھەتتە ھەمكارلىشىش توغرىسىدىكى شەرتنامىسى»نى قاراپ چىقىش ئەھۋالى ۋە قارار لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قۇشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ چىننىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ۋەزىپە تەيىنلەش قالدۇرۇش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىش پىكىرىگە ئاساسەن، يۇقىرىدىكى لايىھە ۋە دەسلەپكى لايىھەلەرگە يەنىمۇ قاراپ چىقىلىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، 23-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8- سانلىق يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا ئاۋازغا قويۇشقا تاپشۇرۇش- تاپشۇرماسلىقىغا سۈنۈش قارار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر