- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قىسمەن خادىملىرى مەجبۇرىي كۆچەت تېكشكە قاتناشتى
2014.04.11 08:27 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قۇشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ چىن، مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرىدىن شىن يۆيۆ، جى بىنشۆەن، جاڭ پىڭ، شىياڭبا پىڭسو، ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتى تەركىبىدىكى قىسمەن خادىملار 10-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن كوللېكتىپ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرى فىڭتەي رايونى بېيگۇڭ دۆلەتلىك ئورمان باغچىسىغا بېرىپ، مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. بىيگۇڭ دۆلەتلىك ئورمان باغچىسى 2005-يىلىدىن باشلاپ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگانلىرىنىڭ كۆكەرتىش بازىسى بولغان، كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقان كىشىلەر ماشىنىدىن چۈشۈپلا كۆچەت تىكىش نۇقتىسىغا بېرىپلا، كۆچەت تىكىشنى باشلىۋەتتى. بىر نەچچە سائەت ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق، يېڭىدىن تىكىلگەن 350 تۈپ قارىغاي، ئاق قوۋازقلىق قارىغاي، كۆمۈش ئۆرۈك قاتارلىق كۆچەتلەر باغچىغا تېخىمۇ ھۆسن قوشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر