باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى

جاڭ شىنيۈ

2014.04.09 16:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، مالىيە نازارىتى يېقىندا ‹‹2014 – يىلى كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى چۈشۈرۈپ، جايلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرىدىن ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ قېتىم ئۆستۈرۈلگەن ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى كارخانا پېنسىيونېرلىرىغا 2014 – يىل 3 – ئاينىڭ 31 – كۈنىگىچە تارقىتىپ بولۇش، نېسى قالدۇرماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ يىل كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈرۈشتە قانداق ئالاھىدىلىكلەر بار؟ كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈرۈش چارىسى ۋە ئۆلچىمى قانداق؟ دېگەندەك، مەسىلىلەرگە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، مۇخبىرىمىز ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنى زىيارەت قىلدى.

  ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئايلىق كۈتۈنۈش پۇلى 2298 يۈەنگە يېتىدۇ

  سوئال: قانچىلىك كىشى كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈرۈشتىن مەنپەئەتلىنىدۇ؟ ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئايلىق كۈتۈنۈش پۇلى قانچىلىك بولىدۇ؟

  جاۋاب: بۇ يىلنى قوشقاندا ئاپتونوم رايون كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ كۈتۈنۈش ئاساسىي پۇلىنى ئۇدا ئون يىل ئۆستۈردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ 838 مىڭ 324 پېنسىيونېرى بۇ قېتىمقى كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈرۈشتىن مەنپەئەتلىنىدۇ، ئۆستۈرۈشتىن ئىلگىرى، كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كۈتۈنۈش پۇلى 2083 يۈەن ئىدى، ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن 2298 يۈەنگە يېتىدۇ.

  سوئال: بۇ قېتىم قانداق كىشىلەرنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى ئۆستۈرۈلىدۇ؟

  جاۋاب: بۇ يىل تۆۋەندىكىدەك كىشىلەرنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى ئۆستۈرۈلىدۇ: 2013 – يىل 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنىدىن ئىلگىرى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگەن كارخانا پېنسىيونېرلىرى، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ياشانغان، ئاجىز، ئاغرىق، مېيىپ كادىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق چارىسى›› ۋە ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ئىشچىلارنىڭ پېنسىيەگە چىقىش، خىزمەتتىن چېكىنىشى توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق چارىسى››دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، خىزمەتتىن چېكىنىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگەنلەر ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ پېنسىيونېرلىرى، شۇنداقلا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، بازارلاردىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان كوللېكتىپ كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش كاپالىتى قاتارلىق قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى سىناق چارىسى›› بويىچە، شەھەر، بازارلاردىكى كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى جەمئىيەتتىن غەملەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن سۇغۇرتىلانمىغان كوللېكتىپ كارخانىلارنىڭ پېنسىيونېرلىرى.

  كارخانىلاردىن دەم ئېلىشقا چىققانلار، شۇنداقلا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ئىنقىلابىي خىزمەتكە قاتناشقان، سابىق ئەمگەك، كادىرلار مىنىستىرلىقىنىڭ ‹‹يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى خىزمەتكە قاتناشقان پېشقەدەم ئىشچىلارنىڭ پېنسىيە تەمىناتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى››غا ئۇيغۇن كېلىدىغان، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئىلگىرىكى ئۆلچەملىك مائاشىنى ئېلىۋاتقان پېشقەدەم ئىشچىلار بۇ قېتىمقى كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىدى؛ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى جەمئىيەتتىن غەملەشكە قاتناشقان، لېكىن ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مائاش تەڭشەش چارىسى بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆسىدىغان ئورگان – كەسپىي ئورۇنلارنىڭ پېنسىيونېرلىرى بۇ قېتىمقى كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىدى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مائاش تەڭشىشىگە ئەگىشىپ ئۆسىدۇ.

  كۈتۈنۈش سەۋىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇۋاپىق ئۆستى

  سوئال: بۇ قېتىمقى كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈرۈشتە قانداق ئالاھىدىلىكلەر بار؟

  جاۋاب: ئومۇمىي سەۋىيە مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلدى، 2014 – يىلى كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈرۈشتە، دۆلەت جايلاردىن كۈتۈنۈش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ئاساسىدا شۇ جايدىكى كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ 2013 – يىلىدىكى ئايلىق ئوتتۇرىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنىڭ %10ىنى ئۆلچەم قىلىپ بېكىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايون جاپالىق چەت، يىراق رايون ئامىلىنى تولۇق ئويلاشقان ئاساستا، بۇ قېتىم كۈتۈنۈش پۇلىنى ئومۇميۈزلۈك تەڭشەش سەۋىيەسىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ 2013 – يىلىدىكى ئايلىق ئوتتۇرىچە كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنىڭ %10ى بويىچە مۇۋاپىق ئۆستۈردى. تەڭشەش چارىسىدە ئومۇميۈزلۈك تەڭشەش بىلەن مۇۋاپىق مايىللاشتۇرۇش داۋاملىق بىرلەشتۈرۈلىدۇ، ئومۇميۈزلۈك تەڭشەش ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەش سەۋىيەسىنىڭ %90ىنى ئىگىلەيدۇ؛ مايىللاشتۇرۇپ تەڭشەش سالمىقى ئومۇمىيۈزلۈك تەڭشەش سەۋىيەسىنىڭ %10ىنى ئىگىلەيدۇ.

  ئومۇميۈزلۈك تەڭشەش دۆلەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، بىرىنچى، نورما ئۆلچىمى يولغا قويۇلۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. پېنسىيونېرلارنىڭ سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغان يىلىنىڭ ئۇزۇن – قىسقا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئايلىق كۈتۈنۈش پۇلى ئوخشاش ئۆلچەم بويىچە ئۆستۈرۈلۈپ، نورمىلىق تەڭشەش يولغا قويۇلىدۇ؛ ئىككىنچى، پېنسىيونېرلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغان يىلى بويىچە تەڭشىلىدۇ، سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ۋاقتى 15 يىل بولۇش ئاساسىدا، سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرغان يىلى بويىچە تەڭشەش ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلىپ، سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرغان ئەمەلىي يىلغا ئاساسەن تارقىتىلىدۇ. ھازىر يانداش تەڭشىلىدىغان قىسمىنىڭ نىسبىتى مۇۋاپىق كۆپەيتىلدى، سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش يىلى تولۇقلىمىسى بۇلتۇرقى ھەر يىل توشقاندا ئېيىغا ئۈچ يۈەن قوشۇپ بېرىشتىن بۇ يىلقى ھەر يىل توشقاندا ئېيىغا بەش يۈەن قوشۇشقا تەڭشىلىپ، كۆپ تاپشۇرسا، كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشىدىغان سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ ‹‹ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار پېنسىيونېرلارغا مۇۋاپىق مايىللىشىش›› تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغىنىغا 15 يىل بولمىغان، تەمىناتى تۆۋەنرەك قىيىنچىلىقى بار پېنسىيونېرلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مايىل بولۇش تەدبىرىنى قوللاندى. سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرغىنىغا 15 يىل بولمىغان پېنسىيونېرلارغا سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغان ۋاقتى 15 يىل بولغانلار قاتارىدا ئايدا 75 يۈەن قوشۇپ بېرىلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى

  سوئال: ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە قانداق ئۆزگىرىشلەر بار؟

  جاۋاب: بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. دۆلىتىمىز بۇ يىل كارخانىلارنىڭ ياشانغان پېنسىيونېرلىرى، شارائىتى ناچار چەت، يىراق رايونلاردىكى پېنسىيونېرلار، شۇنداقلا ھەربىيلىكتىن ئالمىشىپ كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان كادىرلار قاتارلىقلارنى مايىل بولۇش ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتتى.

  كارخانىلارنىڭ ياشانغان پېنسىيونېرلىرىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەشكە مايىل بولۇش سالمىقى زورايتىلدى. 70 ياشقا كىرگەن، شۇنداقلا 70 ياشتىن ئاشقان پېنسىيونېرلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش سەۋىيەسى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلدى. 70 ياشقا كىرگەن، شۇنداقلا 70 ياشتىن ئاشقان پېنسىيونېرلارغا 2013 – يىلى ئايدا 20 يۈەن قوشۇپ بېرىلگەنىدى. بۇ يىل 70 ياشتىن 79 ياشقىچە بولغانلارغا ئايدا 45 يۈەن قوشۇپ بېرىلدى؛ 80 ۋە 80 ياشتىن ئاشقانلارغا ئايدا 55 يۈەن قوشۇپ بېرىلدى. تەڭشەلگەندىن كېيىن، 70 ياشتىن 79 ياشقىچە بولغان پېنسىيونېرلارغا ئايدا بېرىلىدىغان ياشانغانلار ياردەم پۇلى ئۆلچىمى 175 يۈەنگە يەتكۈزۈلدى؛ 80 ۋە 80 ياشتىن ئاشقان پېنسىيونېرلارغا ئايدا بېرىلىدىغان ياشانغانلار ياردەم پۇلى ئۆلچىمى 220 يۈەنگە يەتكۈزۈلدى.

  كۈتۈنۈش پۇلى پېنسىيونېرلار تۇرۇشلۇق رايوننىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەنمۇ تەڭشىلىدۇ. دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، شارائىتى ناچار چەت، يىراق رايونلاردىكى كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ.

  پېنسىيونېرلار ئىچىدىكى ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئايلىق كۈتۈنۈش پۇلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتمىسە، ئوتتۇرىچە سەۋىيە بويىچە تەڭشىلىدۇ.

  ئۆستۈرۈپ بېرىلگەن كۈتۈنۈش پۇلى 3 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە نەقلەشتۈرۈلىدۇ

  سوئال: بۇ قېتىمقى كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش ۋاقتى، چارىسى ۋە ئۆلچىمىدە قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟

  جاۋاب: بۇ قېتىمقى كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش ۋاقتى 2014 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، ئۆستۈرۈپ بېرىلگەن ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى 3 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە نەقلەشتۈرۈلىدۇ.

  ئومۇميۈزلۈك تەڭشەش ئۆلچىمى: 2014 – يىلى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەشكە ئۇيغۇن كېلىدىغان پېنسىيونېرلارنىڭ ھەر بىرىگە ئايدا 2013 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئاساسىدا 60 يۈەن قوشۇپ بېرىلىدۇ.

  پېنسىيونېرلارنىڭ سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ۋاقتىغا ئاساسەن تەڭشىلىدۇ. ھەق تاپشۇرۇش مۇددىتى بويىچە، ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى بىر يىل بولسا، ئايدا بەش يۈەن ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى قوشۇپ بېرىلىدۇ. ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى 15 يىلغا توشمىغان پېنسىيونېرلارغا ئايدا 75 يۈەن قوشۇپ بېرىلىدۇ. ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى بىر يىلغا توشمىغانلارغا بىر يىل تاپشۇرغان دەپ مۇئامىلە قىلىنىدۇ. ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرغان يىلنى كۆرسىتىدۇ.

  مايىل بولۇش ئوبيېكتى ۋە ئۆلچىمى: ئومۇميۈزلۈك تەڭشەش ئاساسىدا، 2013 – يىل 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنىدىن ئىلگىرى پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگەن كارخانىلارنىڭ ياشانغان پېنسىيونېرلىرى ۋە شارائىتى ناچار چەت، يىراق رايونلاردىكى پېنسىيونېرلار قاتارلىقلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى 2014 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلىدۇ.

  بىرىنچى، كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان 70 ياش شۇنداقلا 70 ياشتىن ئاشقان ياشانغان پېنسىيونېرلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش سەۋىيەسى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلىدۇ. 2013 – يىل 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنىگىچە يېشى 70 تىن 79 ياشقىچە بولغانلارغا ئايدا 45 يۈەن قوشۇپ بېرىلىدۇ؛ 80 ياش شۇنداقلا 80 ياشتىن ئاشقانلارغا ئايدا 55 يۈەن قوشۇپ بېرىلىدۇ. 2014 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن كېيىن 70 ياشقا كىرگەنلەرگە 70 ياشقا كىرگەن ئايدىن باشلاپ، ئايدا 175 يۈەن ئۆلچەم بويىچە كۈتۈنۈش پۇلى قوشۇپ بېرىلىدۇ، 130 يۈەنلىك ئۆلچەم ئىجرا قىلىنمايدۇ؛ 2014 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن كېيىن 80 ياشقا كىرگەنلەرگە 80 ياشقا كىرگەن ئايدىن باشلاپ ئايدا 220 يۈەن ئۆلچەم بويىچە كۈتۈنۈش سوممىسى تارقىتىلىدۇ، 165 يۈەنلىك ئۆلچەم ئىجرا قىلىنمايدۇ.

  ئىككىنچى، شارائىتى ناچار چەت، يىراق رايونلاردىكى كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش سەۋىيەسى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلىدۇ. ئومۇميۈزلۈك تەڭشەش ئاساسىدا، 2 – تۈردىكى رايونلاردىكى پېنسىيونېرلارغا ئايدا 20 يۈەن قوشۇپ بېرىلىدۇ؛ 3 –، 4 – تۈردىكى رايونلاردىكى پېنسىيونېرلارغا ئايدا 30 يۈەن قوشۇپ بېرىلىدۇ؛ 5 – ، 6 – تۈردىكى رايونلاردىكى پېنسىيونېرلارغا ئايدا 40 يۈەن قوشۇپ بېرىلىدۇ.

  ئۈچىنچى، پېنسىيونېرلار ئىچىدىكى ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئايلىق كۈتۈنۈش پۇلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىگە يەتمىسە، ئوتتۇرىچە سەۋىيە بويىچە تەڭشىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر